مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنى يېپىلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.01.20 02:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىن مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر يىغىن ھۆججەتلىرىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى لايىھەسى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات لايىھەسى ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھەسى)گە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئەۋزەللىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

  ۋاڭ ياڭ سۆزىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىللىق نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ھەم جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك بۇرچ ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرى بىر-بىرلەپ ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش شان-شەرەپ، تېخىمۇ مۇھىمى مەسئۇلىيەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پات ئارىدا ئېچىلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېپىلىش يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ۋە يىغىن قارالمىسى (لايىھەسى)، كۈنتەرتىپ (لايىھەسى) ماقۇللاندى، لايىھەنى سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى تەييارلىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ئەزالار سانى ۋە ئەزالار نامزاتىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى (لايىھەسى) ماقۇللاندى، لايىھەنى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ رەئىسلەر يىغىنىغا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 25-يىغىنىدا تىلغا ئېلىنمىغان ئىشلارنى قاراپ چىقىش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ ليۇ جيېيى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا، تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تولۇقلاپ سايلاندى، جاڭ جىڭئەن تەكلىپ كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى، جاڭ شياۋليەن ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى، ليۇ خۇي مائارىپ-پەن-تېخنىكا-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى؛ جۇ جىمەننىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسىلىقىدىن بەرگەن ئىستېپاسى قوبۇل قىلىندى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، ياڭ چۈەنتاڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ