مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2023.01.17 01:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 83-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، توغرا ئىگىلەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۇھىم تەلەپلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىدا بېكىتىلگەن 77 نۇقتىلىق تەكلىپ تېمىسى 261 ئالاقىدار تەكلىپكە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەممىسى بېجىرىلىپ ۋە جاۋاب قايتۇرۇلۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ خىزمىتىنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەكلىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتا كېڭىشىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتلىك تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەكلىپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا «ئەزالار مۇلازىمەت قىلىدىغان ساھەلەردىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش» تېمىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ج ك پ 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالارنىڭ مۇلازىمەت قىلىدىغان سەھەدىكى ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشدىكى تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە بەلگىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە قوللىنىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇنلار، ئەزالار سانى ۋە ئەزالار نامزات ئىسىملىكى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1ـ يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى (لايىھە) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا يەنە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتى خۇلاسىسى (لايىھە)، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)، بەنگۇڭتىڭ ۋە ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ بەش يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى (لايىھە) قاراپ چىقىلدى. 34 ساھە ئايرىمىسىدىكى پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالارنىڭ مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى خۇلاسىسىنى قاپلىدى. يۇقىرىقى لايىھە (ئورېگىنالى) مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 25-يىغىنىنىڭ كېڭىشىشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چىڭلى، لى بىن قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلارنى يەتكۈزدى ۋە چۈشەندۈردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ چىباۋ، ۋەن گاڭ، لۇ جەنگۇڭ، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ