مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2023.01.17 01:40 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

  ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدا ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا قارىتا بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار چىقىرىلغان، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، «چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش سەگەكلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەر ۋاقىت ساقلاش»، «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش» قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چۈشىنىش، ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تېخىمۇ قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئۈنۈملۈك ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىدىن ئىبارەت «ئىككى قوشۇن»نى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىنتىزامنىڭ تۆۋەن چېكىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئاخىرىدىمۇ باشتىكىدەكلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن كۈچەيتىپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ ۋە قوغداپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆستۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىتىشنى رەت قىلىش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چىڭلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ چىباۋ، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، لى بىن، باتىر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ