مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.01.12 14:20 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو ئاياللار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.


  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى ئائىلە ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى. «شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىردى» ناملىق كىتابتا 32 پارچە زىيارەت ماقالىسى ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە، پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرمۇشى، ھال - ئەھۋالىنى سورىغانلىقى، خەلق رايىنى، خەلق ئارزۇسىنى ئىگىلىگەنلىكى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى سۆزلىگەنلىكىدەك تەسىرلىك ھېكايىلەرنى جانلىق بايان قىلىپ، «خەلق داھىيسى خەلقنى سۆيىدۇ، خەلق داھىيسىنى خەلق سۆيىدۇ» دېگەن تەسىرلىك كۆرۈنۈش جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن » دېگەن ساپ ھېسسىياتى مىليونلىغان ئائىلىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ