مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە قوزغىتىش كېرەك

2023.01.17 01:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تۇپراقنى يېتىشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىپ، مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىدە، لى كېچياڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوغداش، پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازار رىقابىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ناھايىتى مۇھىم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغانلىق يېڭىلىق يارىتىشنى قوغدىغانلىق، بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قوغدىغانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. لى كېچياڭ كەشپىيات پاتېنتىنى تەكشۈرۈشنىڭ بەش يىل ئىلگىرىكىدىن ئۈچتىن بىر قىسمى قىسقارغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىجاد قىلىش ئاسان ئەمەس، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى تېزلىتىپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىدى. بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى ئون يىل بۇرۇنقى 55 مىليوندىن ھازىرقى 169 مىليونغا كۆپەيگەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەككە سودا- سانائەتچىلەر 110 مىليوندىن ئاشقان، شەرقىي رايوندىكى بازار سۇبيېكتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ٪46.5نى ئىگىلىگەن. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا بىز «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى چىڭ تۇتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى بازار سۇبيېكتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش بولۇپ، بازار سۇبيېكتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ۋە زورايتىشىمىز كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى خىزمەت دوكلاتى بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللاردا بىز بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلدۇق. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، تەلەپنى تۆۋەنلىتىپ، مۇرەككەپ ئىشلارنى تۈگىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئادىل رىقابەت ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مۇلازىمەتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سودا قىلىشى، كارخانا قۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور مىقداردا يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئۇلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىىشىنى قوللاش ئۈچۈن باجنى كېمەيتىش، باجنى قايتۇرۇش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى سىجىل يولغا قويدۇق. بۇمۇ «سۇنى كۆپەيتىپ بېلىق بېقىش»، باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ قوزغىتىش كۈچى بىلەن سىياسەت ئارقىلىق قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەڭ تۇتۇلۇپ، بازار سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى بىر قەدەر كۆپ ھەمدە ئۇلار يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدى. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت ۋە داۋاملاشما تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇش كېرەك. باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەسلىدە داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىدە قوشۇلما قىممەت بېجىنى قوشۇپ ھېسابلاپ توغرىلاپ كېمەيتىش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە قورالى ئارقىلىق قوللايدىغان زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشتە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تۇرمۇش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنىڭ تەرتىپلىك ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بازار سۇبيېكتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، ئىشچى ئىشلىتىش، كىرېدىت مەبلىغى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشنى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام، سىجىل تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى جىپسىلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىل بېشىدىكى ئىقتىسادىي خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ، شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ