مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «دادىل ئىزدىنىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى

2023.02.10 10:46 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

  كۈنتەرتىپ: مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە باشلاندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش باھار ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر مۇھاكىمە كۇرسىدا دەرس باشلاندى. كۇرسانتلار ئارىسىدا نۇرغۇن يېڭى كىشىلەر بار بولۇپ، مەركىزىي كومىتېتقا يېڭىدىن كىرگەن ئەزالار، كاندىدات ئەزالار ۋە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار بىر يەرگە جەم بولدى.

  يېڭى مۇساپىدىكى «ئاچقۇچلۇق تۈگۈن»دە، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار» ئالدىدا، مۇنبەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

  جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش دەل نەچچە ئاي ئىلگىرى پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن پارتىيەمىزنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىتا «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش» ئېلىپ بېرىلغان.

  ئارزۇ قىلىشتىن ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىچە بولغان بۇ مۇساپىدە، 100 يىلغىچە ئەستايىدىل بولۇش، 100 يىلغىچە بوشاشماي تىرىشىش لازىمدۇر. قەدىمدىن ھازىرغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نەزىرى يىغىن مەيدانىدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا تىكىلدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم باشلىنىش يىلىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.»

  باشلىنىش يىلىدا مەسىلىنى يېشىش كېرەك، بۇ، بەك مۇرەككەپ. بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ بىر تاختا شاھمات ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پارچە خەرىتە پىلانلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە مۇھىم مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالدى.

  «يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش بىلەن ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ مۇناسىۋىتى»، «ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتى»، «توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇناسىۋىتى»، «ئۈنۈم بىلەن ئادىللىقنىڭ مۇناسىۋىتى»، «ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپنىڭ مۇناسىۋىتى»، «مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇناسىۋىتى»... بۇ مېتودولوگىيەلەر «ئىش قىلىشقا ماھىر» بولۇشنىڭ ئۆتكۈر قورالغا ئوخشاش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان.

  جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى بولغان «نوپۇس كۆلىمى غايەت زور بولغان زامانىۋىلىشىش»نى ئېلىپ ئېيتساق، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشلا بىر چوڭ خىرىس. يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەقسىمات، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس، چېتىلىدىغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسى غايەت زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.»

  قوشۇش ۋە ئېلىش، ۋاز كېچىش ۋە ئېرىشىش، ئىلگىرىلەش ۋە چېكىنىشنىڭ ھەممىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. مەسىلەن، «تاماق مەسىلىسى» ھەم ئېچىۋېتىش ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا چېتىلىدۇ، ھەم توغرا يولدا چىڭ تۇرۇش بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا مۇناسىۋەتلىك، ھەم يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش بىلەن ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز مەسىلىلەرنى ئويلاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشتە ئالدى بىلەن نوپۇس تۈپ سانى مەسىلىسىنى ئويلىشىشىمىز، ئېلىمىزنىڭ شەھەر-يېزا، رايون تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى پەرق چوڭ بولۇش قاتارلىق ئەمەلىيەتلەرنى ئويلىشىشىمىز، ھەم ئېگىزگە ئېسىلىۋالماسلىقىمىز، ھەم كونىلىققا ئېسىلىۋالماسلىقىمىز، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش، سىجىل ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.»

  ئىستىراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىك ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇر ۋە ئەقىل-پاراسەتكە تولغان دەرسخانىدا، باش شۇجى بۇ ئالتە گۇرۇپپا مۇھىم، زور مۇناسىۋەتنى شەرھلىگەندە، كۆپ قېتىم ئىككى گۇرۇپپا سۆزنى تىلغا ئالدى:

  بىرىنچى گۇرۇپپا سۆز: ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش.

  «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئىش، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھەلەر بار، بىز ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، كېمىنى ئويۇپ شەمشەر ئىزدەشكە، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتۈپ تۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ.»

  «جايلار، تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بولۇپمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەمەلىيەت، نامەلۇم ساھەلەردە دادىل ئىزدىنىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، يېڭى زىددىيەت، يېڭى مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش تەپەككۇرى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان يېڭى تەجرىبىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.»

  تارىخنى باتۇرلار ياراتقان. «ئادەم»نىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش، «ئادەم»نىڭ ئېنېرگىيەسىنى كۆرۈش، «ئادەم»نىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش __ ئۇلۇغ ئىشنىڭ لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەڭ چوڭقۇر قىممەت ئاساسى.

  يەنە بىر گۇرۇپپا سۆز: مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى ئېنىق بولۇپ، نىشانلىق ئوق ئاتتى:

  «ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىماسلىق، زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، زىممىسىگە ئېلىشقا ماھىر بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك»

  «كەسكىن، مۇرەككەپ كۈرەش داۋامىدا كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرق ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان كادىرلارغا يار - يۆلەك بولۇپ، ئىلھام بېرىپ، توغرا دەپ قارىغانلارنى دادىللىق بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.»

  «ھەم ئىلمىي پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يىغىن ئېچىش، ھۆججەت يوللاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشتەك ناچار ئەھۋاللارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.»

  زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى. ئەڭ مۈشكۈل ئىش، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە بولسا مىليونلىغان خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتۇر. «پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش»، «كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش»، «پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش» بۇ سۆزلەردىن پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.

  ئۆتمۈشنى ئەسلەيدىغان بولساق، نۇرغۇن بوران – چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردۇق، نۇرغۇن ئۇلۇغۋار ئىرادىلەرنى تىكلىدۇق، نۇرغۇن شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتۇق. ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، خەتەرلىك ساھىل بىلەن يوشۇرۇن خادىلار يولىمىزنى توسۇپ، شەرەپ بىلەن ئارزۇ گىرەلەشتى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقاردى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بىزنىڭ «ئۇيقۇدىكى شىر»نى قانداق ئويغىتىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور تارىخىي تېمىغا بەرگەن جاۋابىمىز، ئۆز يولىمىزنى تاللاپ، ئۆز ئىشىمىزنى قىلغانلىقىمىز.»

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ