13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 39-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2023.02.24 21:35 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى تېزىسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىندى

  لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 39-يىغىنى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 162 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ قىسمەن بەلگىلىمىلىرىنى تەڭشەش ۋە تەتبىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ رېنخۇا ئىزاھات بەردى.

  بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈش. شۇڭا، يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئارگىنالىغا قاراپ چىقىلدى، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسى قاتارلىق تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىدا، قەتئىي تۈردە قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىشتە، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جەمئىي 2977 نەپەر. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى مىللەتلەر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق ساندا ۋەكىلى بولۇش تەلىپىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭ بەرگەن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلدى. سايلام قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلانغان ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ۋەكىللەرنىڭ ئاساسىي شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى، سايلامنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكى، شۇنىڭدەك سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى ۋە باشقا سايلىنىش ئىناۋەتسىز بولۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانۇن بويىچە تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 35 سايلام ئورنىدىكى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشنىڭ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2977 ۋەكىلىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى ئېنىقلىنىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر ئىسىملىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئېلان قىلىشىغا سۇنۇلدى.

  يىغىندا ۋۇ يۈلياڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئايرىم ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا يەنە ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى شياۋ جيې، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك) خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ