مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالشا سول خوشۇنىدىكى بىر ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كاننىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەردى

تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2023.02.24 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  2 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سائەت 13لەردە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالشا ئايمىقى ئالشا سول خوشۇنى شىنجىڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا كەڭ كۆلەمدە گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش يۈزبەردى، ھازىرغىچە، ھادىسىدە ئىككى كىشى ئۆلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى، 53 كىشى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.

  ھادىسە يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىچكى موڭغۇل ئالشا سول خوشۇنىدىكى شىنجىڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى يۈزبېرىپ كۆپلىگەن ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە ئادەم ئۆلۈش ـ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، يارىلانغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، تەسەللى بېرىش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. قۇتقۇزۇشقا ئىلمىي تەشكىللەپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ھەم بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى توسۇش كېرەك. ھازىر، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى رايونلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تۈرلۈك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھادىسىدە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ئادەملەر كۆپ، كۆمۈلۈپ قالغانلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ ـ قۇتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تېزدىن ئېنىقلاپ، ئۇچۇرنى ۋاقتىدا توغرا ئېلان قىلىش، قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئېغىر، زور يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، ئالشا ئايمىقى كۈچ تەشكىللەپ قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى، ئالاقىدار خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ