مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ

​20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى​

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.02.23 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  ■ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپپاراتلىرى، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، ئايلىنىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ■ ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. ئۆتكەن بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقتۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق

  ■ بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنى بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بېرىدىغان خىزمەت دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى لايىھەسى»نىڭ ئارگىنالى مۇزاكىرە قىلىنىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ھۆججەت ئارگىنالىنى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاپپاراتلىرى، گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز ۋە يەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلمىي، فۇنكسىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئەلا، تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەل، ئايلىنىشنى باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىلىدىغان دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - يىغىنىغا كۆرسىتىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبىرىي خادىملىرىنىڭ تەكلىپ نامزاتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىسى قىلىش بېكىتىلدى.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ ئارگىنالى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئۆتكەن بىر يىل پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل بولدى. بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. ئۆتكەن بەش يىل ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، بىز تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقتۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، كۈچلۈك پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلۇشى، ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلىدىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ