مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇنجى قېتىملىق تاللاش باشلاندى! تاللاش بۇ كىشىلەر توپىغا يۈزلىنىدۇ

2023.02.22 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  دېڭىز ئارمىيەسى 2023-يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. تۇنجى قېتىم ئايال ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى تاللىنىدۇ.

  دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندا 2023-يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، يەرلىكتىكى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە داشۆ ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئەسكەرلىككە قاتناشقانلار ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى تاللايدۇ ھەمدە تۇنجى قېتىم ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئايال ئۇچقۇچىسى تاللايدۇ.

  ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2023-يىلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن باشقا، تولۇق كۇرس 1-تۈركۈم بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتىغا كىرگۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دېڭىز ئارمىيە قىسمىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەرلىككە قاتناشقان ئەسكەرلەر ئارىسىدىن ئۇچقۇچى ئىختىساسلىقلار سىناق تەرىقىسىدە تاللىنىدۇ. تاللاش ۋاستىسى جەھەتتە، ئۇچۇش ئىقتىدارىنى تاللاش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بەدەن تەكشۈرۈش، پسىخىكا تەكشۈرۈش ۋە سىياسىي سىناقتىن باشقا، يەرلىكتىكى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ 15 سائەت ئەمەلىي ئۇچۇرۇپ، ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ئۇچۇش مۇتەخەسىسلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئايال ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىنى تاللىشى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئايال ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىنىڭ لاياقەتلىك بولغانلار ئىچىدىن بارلىققا كېلىشىدىن ئۈمىد بار.

  دېڭىز ئارمىيە سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى ئاۋىياماتكا جەڭگىۋارلىقىنىڭ يادروسى بولۇپ، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرىغا بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ تەخىرسىز بولغان. تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تاللاش ۋاسىتىسىنى ياخشىلاش ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئۇچقۇچى ئوفىتسېرلارى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، كەسپىي تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.بۇ مەسئۇل خادىم يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت مۇداپىئەسىنى قىزغىن سۆيىدىغان، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىگە قەتئىي ئىرادە باغلىغان، ساپاسى ئەتراپلىق مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلار سېپىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىللىق ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى ئېلان قىلىندى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتلار جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش تورىغا چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ئالدىن تاللاش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تاللاپ قوبۇل قىلىش تەرتىپى بويىچە تۈرلۈك تاللاش، باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ. دېڭىز ئارمىيىسى خېنەننىڭ جېڭجوۋ، شەندۇڭنىڭ ۋېيفاڭ قاتارلىق جايلىرىدا پونكىت تەسىس قىلىپ تاللاپ باھالاشقا تەشكىللەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ