مۇخبىرنىڭ يېقىندا شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، خىزمەتچىلەر زىبو شەھىرى لىنزى رايونى جاۋجياشۈياۋ كەنتىنىڭ غەربىدىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 13 مىڭ 200 يىل بۇرۇنقى كونا، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچىدىكى ئىنسانلار ئىزىنىڭ خارابىسىنى بايقىغان، 100 دىن ئارتۇق ساپال بۇيۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق دەسلەپكى ئىنسانلار تەۋەرۈكى قېزىۋېلىنغان.
شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى جاۋ يىچاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جاۋجياشۈياۋ خارابىسىنىڭ يادرولۇق رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 400 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، قېزىۋېلىنغان يادىكارلىقلار ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكى، ساپال پارچىلىرى، ساپال ھەيكەللەرنى ئاساس قىلغان، يەنە ئاز مىقداردىكى تاش بۇيۇملار ۋە قۇلۇلە قېپى بۇيۇملىرىمۇ بار ئىكەن.
جاۋ يىچاۋ مۇنداق دېدى: «قېزىۋېلىنغان ساپال پارچىلىرىنىڭ سۈپىتى تەكشى، شەكلى رەتلىك، خام توپىغا ئۆسۈملۈك غولى ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تىپىك كاربون ئارىلاشتۇرۇلغان ساپال ھۈنەر-سەنئىتىگە تەۋە، بۇ ئەينى چاغدىكى ساپال ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ شەندۇڭدا ھازىرغىچە بايقالغان دەۋرى ئەڭ بۇرۇنقى ساپال بۇيۇم».
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، خارابىلىكتىن يەنە نۇرغۇن ھايۋانلارنىڭ سۆڭەكلىرى قېزىۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغاۋۇل قاتارلىق قۇشلار ۋە بۇغا تۈرىدىكىلەر ئاساس قىلىنغان. جاۋ يىچاۋ مۇنداق دېدى: «بەزى بۇغا ۋە قۇشلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدە كېسىلگەن، سۇندۇرۇلغان ئىزلار بار، بۇ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ گۆش ئىستېمالىدا قۇشلار ۋە بۇغا تۈرىدىكىلەرنى ئاساس قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ».
شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ مىڭكۇي مۇنداق دېدى: جاۋجياشۈياۋ خارابىسىنىڭ بايقىلىشى شەندۇڭ رايونىدىكى تارىختىن بۇرۇنقى ئىنسانلار خارابىسىنىڭ بايقىلىشىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ شىمالى، بولۇپمۇ شەندۇڭ رايونىدىكى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ زور تارىخىي ئۆزگىرىشنى تونۇشنى ئاچقۇچلۇق دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، خارابىلىكنىڭ ساقلىنىشى نىسبەتەن مۇكەممەل، خاراكتېرى ئېنىق بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات شەكلى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق ئەندىزىسىنى تونۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى