مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىققەت قىلىڭ! بۇ خىل دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقلىرىنى تېز پويىزغا ئېلىپ چىقىشقا بولمايدۇ

2023.01.09 15:38 مەنبە: خەلق تورى

  ئىسپرتلىق دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، پۈركۈش سۇيۇقلۇقى، تۇمانلىتىپ پۈركۈش سۇيۇقلۇقى ئامما دائىم ئىشلىتىدىغان دېزىنفېكسىيە بۇيۇمى.


  2023-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يۇرتىغا قايتىدىغان يولۇچىلار تېز پويىزى، ئوق پويىز، ئادەتتىكى پويىزغا ئولتۇرغاندا، تەركىبىدە ئىسپىرت بار بۇنداق دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈپ، پويىزغا ئېلىپ چىقىشقا بولامدۇ؟
تەييۈەن تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەييۈەن جەنۇبىي ۋوگزالى ساقچىخانىسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى گو لىن كەڭ يولۇچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دۆلەت تۆمۈر يول ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان « <تۆمۈر يول يولۇچىلىرىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى ۋە توشۇشقا ھاۋالە قىلىش مەنئى قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن بۇيۇملار مۇندەرىجىسى> نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ 1-ماددىسىدىكى «توشۇشقا ھاۋالە قىلىش ۋە يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنغان بۇيۇملار»نىڭ 4-تارمىقىدىكى «ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار»دا «ئىسپىرت» مەنئى قىلىش مۇندەرىجىسىگە ئېنىق كىرگۈزۈلگەن، يولۇچىلار سەپەر جەريانىدا دېزىنفېكسىيە ئېھتىياجى بولسا، دېزىنفېكسىيە نەم لاتىسى، دېزىنفېكسىيە پاختىسى قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ.


  دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىدىكى يىلىم تەركىبى «ئاسان ئوت ئالىدىغان تەركىبلىك، ئۆزلۈكىدىن پۈركۈش بېسىمى يوق قۇتىلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇمى» غا تەۋە بولۇپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدە «يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشكە چەك قويۇلىدىغان بۇيۇم»، شۇڭا ھەر بىر يولۇچىنىڭ بىردىن ئارتۇق ئېلىپ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەككە قۇتىنىڭ سىغىمى 100 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ