مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە جايلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىشى توغرىسىدا ھۆججەت تارقاتتى

2023.01.06 14:43 مەنبە: خەلق تورى

  ئالدىنقى باسقۇچتىكى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، مەكتەپ سىرتىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەشنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساغلام، ئىللىق، ئەھمىيەتلىك تەتىل ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قىشلىق تەتىلدە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش، تۈزەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنىڭ يوشۇرۇن ئۆزگەرگەن شەكلىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش كۆپ يۈز بېرىدىغان سودا بىناسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى تەكشۈرۈپ، «بىرگە بىر»، «ئۆيدە تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچى»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئائىلە مۇلازىمىتى»، «كۆپچىلىك پۇل غەملەپ، خۇسۇسىي ئوقۇتۇش» ۋە تۈرلۈك قىشلىق لاگېر قاتارلىق ناملار بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پەن تۈرى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. توردىكى پەن تۈرىدىكى ئاپپاراتلار ۋە نۇقتىلىق تور بېكىتى سۇپىلىرىنى پۈتۈن كۈن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا يۈزلەنگەن توردا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، توردا پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەشنى بەلگىلىمىگە خىلاپ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش ۋە قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش قىلىش، پەن تۈرىدىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. پەن تۈرىدىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەشنىڭ باھاسىنى كۆزىتىش ۋە تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، توختام ئۈلگە نۇسخىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىپ، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ، يامان نىيەتتە باھا ئۆستۈرۈشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پەن تۈرىدىن باشقا تۈردىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىر قېتىمدىلا ھەق ئالسا ياكى قىممەت تولۇقلاش، قېتىم كارتىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ھەق ئالسا بولمايدۇ، ۋاقتى ئۈچ ئاي ياكى 60 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ ھەمدە 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. سەنئەت ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. قىشلىق تەتىلدىن بۇرۇن مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى پەن تۈرىدىن باشقا تۈردىكى ئاپپاراتلارنى بىر قېتىم بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يوللارنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئىجتىمائىي نازارەتچىلەر قوشۇنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مەھەللە ئاممىسى قاتارلىقلارنى مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەش، تۈزەش خىزمىتىگە ئورتاق قاتنىشىشقا يەنىمۇ تەكلىپ قىلىشى كېرەك. تاپشۇرۇۋالغان مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ھەمدە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەر بىر ئىشنىڭ جاۋابى بولۇش، ھەممە ئىشنىڭ جاۋابى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ئىلمىي يېتەكلەپ، ياخشى تەربىيەلەش كەيپىياتىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. قىشلىق تەتىل پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەكتەپ بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىپ تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارغا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، بالىلارنى قارىغۇلارچە سىنىپقا تىزىملىتىپ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرماسلىق كېرەك. چاغاندىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى بايرامدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مول مەزمۇنلۇق تەنتەربىيە چېنىقىش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، بالىلارنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى


مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ