مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شۈ مىڭ دېلوسىغا سوت ئېچىلدى

2023.01.06 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  2023- يىل 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1 - سوتتا دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ مىڭنىڭ پارا ئېلىش، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى. شيامېن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئادەم ئەۋەتىپ سوتقا چىقىپ ئەيىبلىدى، جاۋابكار شۈ مىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى.


  شيامېن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: 1995-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، جاۋابكار شۈ مىڭ دۆلەت ئىقتىساد-سودا كومىتېتى تاشقى ئىقتىساد-سودا مەھكىمىسى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تاشقى ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، تاشقى ئىقتىسادنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سودا مىنىستىرلىقى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى، ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، دۆلەت ئاشلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلار ۋە خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تۈرنى ھۆددىگە ئېلىش، تىجارەتنى تەستىقلاش، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كادىرلارنى تەڭشەش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بەرگەن، قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال - مۈلۈك جەمئىي 51 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە سۇندۇرۇلدى؛2021-يىل 6- ئايدا، شۈ مىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ سابىق ئەزاسى،سابىق باش كاتىپى قاتارلىق خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بېرىپ، 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.


  سوتتا، ئەيىبلىگۈچى ئورگان ئالاقىدار دەلىل - ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار شۈ مىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى ئىسپاتلارنى كۆرۈپ چىقتى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، شۈ مىڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ئامما بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ