مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاڭچېڭ سېپىلىدىكى يېڭى بايقاش

2023.01.06 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  چاڭچېڭ سېپىلى مۇداپىئە سىستېمىسى تەتقىقات مۇتەخەسسىسى، تيەنجىن داشۆسى بىناكارلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ يۈكۇن 1- ئاينىڭ 4- كۈنى تونۇشتۇرۇپ، كوللېكتىپنى باشلاپ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭچېڭ سېپىلىنى ئۇدا سۈرەتكە ئېلىش ئارقىلىق چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ 130 دىن ئارتۇق يوشۇرۇن ئىشىك قالدۇقىنى پەرقلەندۈرۈپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ «خەرىتىلىك جەمەت شەجەرەسى» نى بەرپا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.


  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى يوشۇرۇن ئىشىكنى ئانچە-مۇنچە تەتقىق قىلغان. بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان چاڭچېڭ سېپىلى «مەخپىي يولى» نى تارىخىي كىتابلاردىن ھالقىپ، مۇكەممەل، ئىستېرېئولۇق چاڭچېڭ سېپىلى قۇرۇلۇش سىستېمىسىنى دۇنياغا نامايان قىلدى.


  چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ ياسىلىشى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان، چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ مەخپىي يوشۇرۇن ئىشىكى كۆپىنچە يەر شەكلى، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ئېھتىياجلارغا ئاساسەن يوشۇرۇن بۆلەكلەرگە قويۇلغان، بۇ پاكار، كىچىك ئىشىكلەر قوۋۇقنىڭ سىرتىغا قارايدىغان بولۇپ، سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەن.
كوللېكتىپ 130 دىن ئارتۇق يوشۇرۇن ئىشىكنىڭ سۈرىتىنى تەھلىل قىلدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىشىكلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ھەر بىر يوشۇرۇن ئىشىكنىڭ شۇ جاينىڭ يەر شەكلى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ھالدا قويۇلغانلىقىنى بايقىدى. كوللېكتىپ ئەزاسى، تيەنجىن داشۆسى بىناكارلىق شۆيۈەنىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى لى جې مۇنداق دېدى: «ھەر بىر يوشۇرۇن ئىشىك ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن».


  تارىختا بەزى يوشۇرۇن ئىشىكلەر رازۋېدكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە ئىشلىتىلگەن، يەنە بەزى يوشۇرۇن ئىشىكلەر چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئالاقىگە ئىشلىتىلگەن. مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ خاتىرىلىشىچە، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىشىك ئارقىلىق چىڭخەي ۋە خېتاۋ رايونلىرىغا بېرىپ-كېلىپ مال بېقىشىغا ئىجازەت قىلغان، ئىككى ئات قوش يۆنىلىشتە ئۆتەلەيدىغان چوڭراق يوشۇرۇن ئىشىك بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم يوشۇرۇن ئىشىك يەنە سودا ئالاقىسىگە ئىشلىتىلگەن.


  جاڭ يۈكۇن مۇنداق دېدى:«بۇ چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ پۈتۈنلەي يېپىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى تەرتىپلىك ھالدا < ئوچۇق > قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ».


  بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا يەنە تۇنجى قېتىم «يوشۇرۇن ئىشىك جەمەتى»دىكى ئەڭ يوشۇرۇن تۇمېن ئىشىكىگە دائىر ماددىي ئىسپات بايقالدى.


  تاڭ، سۇڭ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئالىملار تۇمېن ئىشىكى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان بولسىمۇ، ھازىرقى زاماندىكى ئالاقىدار تەتقىقاتلار ناھايىتى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماس كېلىدىغان ماددىي ئىسپاتلار بايقالمىغان.


  تۇمېن ئىشىكى يوشۇرۇن ئىشىكنىڭ ئەڭ مەخپىي چىقىش ئېغىزى بولۇپ، دۈشمەنگە يۈزلەنگەن تەرىپى خىش بىلەن قوپۇرۇلغان، ئۆزىگە يۈزلەنگەن تەرىپى كاۋاك. دۈشمەن تۇمېن ئىشىكىنىڭ ئورنىنى سىرتتىن پەرقلەندۈرەلمەيدۇ، لېكىن يېقىن ئەتراپتىكى ئاساسىي ئۆتكەل دۈشمەنگە ئۇچرىغاندا ياكى باشقا جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، ئەسكەرلەر ئىچكى قىسىمدىكى تۇمېن ئىشىكى ئارقىلىق تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ. لى جې مۇنداق دېدى: «بۇ جۇڭگونىڭ ھەربىي ئىشلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئەڭ زور نامايەندىسى».


  ھازىرغىچە توپلانغان غايەت زور سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئاساسىدا، تەتقىقات كوللېكتىپى يەنە رەقەم تېخنىكىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ چاڭچېڭ سېپىلىنىڭ «چىرايى» نى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ