مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن گوشياڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2022.08.31 14:12 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى لياۋنىڭ ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى سۈن گوشياڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق سۈن گوشياڭنىڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچتىن چەتنەپ، ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزلىگەنلىكى، خۇسۇسىي كارخانىچىلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ پۇل ئېلىپ ئەمەل سېتىۋالغانلىقى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلغانلىقى، تەشكىل خەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەندە مەسىلىنى ئەينەن چۈشەندۈرمىگەنلىكى؛ ۋەزىپىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ تۇغقانلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىكى؛ ئىنتىزام ۋە قانۇن ئېڭى سۇسلىشىپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈۋېلىشنىڭ قورالى قىلىپ، ھوقۇق، پۇل سودىسى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا بانكىدىن قەرز ئېلىش، مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىپ، ئارىدىن زور سوممىلىق مال ـ مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغانلىقى بايقالدى.

  سۈن گوشياڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى ۋە پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» .جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، سۈن گوشياڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش؛ پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك 13 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش، 13ـ نۆۋەتلىك لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛ چېتىلىدىغان مال ـ مۈلۈكنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش جازاسى بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ