مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپىنى بەردى

2022.08.31 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ تەكلىپى بويىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7-ئومۇمىي يىغىنىنى 2022-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنى 2022 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلارنى تۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەندۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى داۋاملىق پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق پائال تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

  قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ