دېلو مىسالى شياۋجاڭ ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى دۇكاننى شياۋلىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارىگە بېرىپ، ئىجارە مۇددىتىنى ئۈچ يىل قىلىپ، يىل بويىچە ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشنى پۈتۈشكەن. ئۆي ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، شياۋ لى ئۆزى ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى دۇكىنى ئاچقان. بىر كۈنى شياۋجاڭ دۇكان ئالدىدىن ئۆتكەندە، ياغدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى دۇكىنىنىڭ سۈت چاي دۇكىنىغا ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شياۋ لىنىڭ ئۆينى قايتا ئىجارىگە بەرگەنلىكىنى بىلگەن. شياۋجاڭنىڭ كۆڭلى غەش بولغاچقا، دەرھال شياۋلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شياۋلىنىڭ ئۆينى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىجارىگە بەرگەنلىكىنى باھانە قىلىپ توختامنى بىكار قىلىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە كۆچۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلغان. شياۋ لى قايتا ئىجارىگە بەرگەندە، شياۋ جاڭنىڭ قوشۇلۇشى كېرەكمۇ؟
دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش كېرەك. ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنىڭ 716-ماددىسىدا: ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىجارە نەرسىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئىجارە بەرسە بولىدۇ. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە نەرسىنى باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە ئالغۇچى بىلەن ئىجارە بەرگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىجارە توختامى داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ ئۈچىنچى كىشى ئىجارە نەرسىنى زىيانغا ئۇچراتسا، ئىجارە ئالغۇچى زىياننى تۆلىشى لازىم. ئىجارە ئالغۇچى ئىجارە بەرگۈچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا كىشىگە ئىجارە بەرسە، ئىجارە بەرگۈچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ