مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لىجيەن شىنجاڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا چېتىشلىق ساختا ئۇچۇرلىرى ئېغىر بولغان ئاپەت رايونى، دېدى

2022.08.30 22:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 29-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىغان: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يەر شارى ئۇچرىشىش مەركىزى دوكلات ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە كۆپ خىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى ياسىدى ۋە تارقاتتى، يەر شارى بويىچە شىنجاڭغا ئالاقىدار بايانلارنى كونترول قىلىشقا ۋە يېتەكلەشكە ئۇرۇندى دەپ تۆھمەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دوكلاتلاردا جۇڭگو تەرەپ ساختا ئۇچۇر ئارقىلىق شىنجاڭغا چېتىشلىق ئاممىۋى پىكىرنى كونترول قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلىندى. بۇ، پۈتۈنلەي ئوغرى ئوغرىنى تۇت دەپ توۋلىغانلىقتۇر. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى «پۈتۈن يەر شارى بىلەن ئۇچرىشىش»نى باھانە قىلىپ، «تەشۋىقات ئارقىلىق سىڭىپ كىرىش»كە ئۇرۇندى، بۇنىڭ ئۆزى ساختا ئۇچۇرنىڭ مەنبەسى ۋە «بىلىش ئۇرۇشى»نىڭ قوماندانلىق ئورنى.

  جۇڭگو ئەزەلدىن ساختا ئۇچۇرلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، شىنجاڭ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا جۇڭگوغا چېتىشلىق ساختا ئۇچۇر ھۇجۇمى قوزغاشتىكى ئېغىر ئاپەت رايونى. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەش»تەك رەزىل سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەك»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» قاتارلىق ئەسىر يالغان گەپلىرىنى داۋاملىق ئويدۇرۇپ چىقاردى ۋە كۆپتۈرۈدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئاشكارىلىدى. ئامېرىكىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بەزى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى: ئامېرىكا «ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئەسلا پەرۋا قىلمايدۇ»، «شىنجاڭدا مەسىلە يوقلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، پەقەت شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، جۇڭگونى ئىچكى جەھەتتىن ۋەيران قىلماقچى، دەپ ئېتىراپ قىلدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتى ئاللىقاچان يېڭى ئىش ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى، يولى كۆپ قېتىم ئاشكارىلاندى. بىرىنچى، ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ئاپپاراتلىرى، ئاقىللار ئامبىرى، غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا «تەتقىقات دوكلات»ىنى داۋاملىق ئويدۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قارا چاپلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاتالمىش شىنجاڭدىكى «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش»نىڭ يالغان گۇۋاھچىلىرى، يالغان ئىسپاتلىرىنى سېتىۋالدى، يالغاندىن ياسىدى؛ ئىككىنچى، ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلگەن ئاخبارات ئاپپاراتلىرىغا شىنجاڭدىكى ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا دائىر ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە «تەشۋىقات بۇيۇملىرى»نى نەچچە ئون خىل تىلدا ئىشلەش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى ھەمدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرىنى كۆچۈرۈپ خەۋەر قىلىشقا ماسلاشتۇردى؛ ئۈچىنچى، ئامېرىكا ئالاقە تورى تاراتقۇلىرىغا نۇرغۇن پۇل ياردەم بېرىپ، «تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇپ»، بىر جەھەتتىن جۇڭگو تەرەپ ئېلان قىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى ئاجىزلاشتۇردى ۋە چەكلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىغا كۈچلۈك مەدەت بېرىپ، «جابدۇق سەپلەپ» بەردى. بۇ يالغان گەپ زەنجىرىدە، ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش «ئالىم»، تاراتقۇ، ئالاقە تورى، ھۆكۈمەت تەرەپ بىر-بىرىنى يالغان خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئىستېمالچى بولدى، ئىشلەپچىقىرىلغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇر مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان جازاسى، بېسىم ئىشلىتىپ ئارىلىشىشىنىڭ باھانىسى بولۇپ قالدى.

  يالغان گەپ قىلغۇچى ۋە ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. بۇ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ساختا ئۇچۇر تەشۋىقاتىغا ئەڭ ياخشى، ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بولدى. ئامېرىكا تەرەپ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانچە كۆپ يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ چىقسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى توسۇۋالالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالمايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى قوللايدىغان ھەققانىيەت ساداسىنى تېخىمۇ يوشۇرالمايدۇ، پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى تېزلىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ