«جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جۇڭگو زېمىنىدا ئۇچۇپ قويغانغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق»
2022.08.30 22:18 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 8-ئاينىڭ 29-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىغان: يېقىندا، توردا جۇڭگونىڭ خۇسۇسىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جىنمېن ئارىلىغا ئۇچۇپ بېرىپ، سۈرەتكە تارتقان كۆرۈنۈش تارقالدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋ لىجيەن مۇنداق جاۋاب بەردى: مەنمۇ مۇناسىۋەتلىك سىننى كۆردۈم. جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ جۇڭگو زېمىنىدا ئۇچۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ