مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى (يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش — ئادەتتىن تاشقىرى 10 يىل)

2022.08.30 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى چيەنمېن كوچىسىدىكى ساۋچاڭ 4-تار كوچىغا كىرگەندە، قەدىمىي، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھويلىدىن قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئىشىكنى ئىتتىرىپ كىرگەندە، ئۆي ئىچىدىكى زامانىۋى تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى. ھويلىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يول يۈزى رېمونت قىلىنغان، بوشلۇققا تارتىلغان سىملار يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ئىدى... كونا تار كوچىدىكى يېڭى تۇرمۇشنى «كىچىك ھويلا كېڭەش زالى»دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى.

  2019-يىلى چاغان ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، كېڭىشىۋاتقان ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كىچىك ھويلا كېڭىشىش زالى» تەسىس قىلىش، «ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر كېڭىشىش، ئاھالىلەرنىڭ ئىشىنى ئاھالىلەر بېكىتىش» مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە خوجايىنلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

  ئەلدىن تەدبىر سوراش، ئەلدىن ھال-ئەھۋال سوراش، ئەلدىن ئەقىل سوراش، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئەل رايىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەلرايىغا ماسلىشىش كېرەك. «كىچىك ھويلا كېڭەش زالى» پۈتۈن جەريانى خەلق دېموكراتىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ بىر جانلىق ئەۋرىشكىسى. جېجياڭ ۋېنلىڭدىكى «دېموكراتىك سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى»، جياڭسۇ سۇجوۋدىكى «كېڭىشىش ئىشخانىسى» قاتارلىقلاردا جانلىق دېموكراتىيە ئەمەلىيەتلىرى، يېڭىلىق يارىتىلغان دېموكراتىيە شەكىللىرى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تەسىرلىك كارتىنىسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىرادىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىينىڭ تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

  —— خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

  3021-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، بېيجىڭ شەھەر رايونى ۋە يېزا-بازار ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا بېلەت تاشلاش كۈنى. خۇەيرېنتاڭ بېلەت تاشلاش پونكىتىدا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆزنى قاماشتۇراتتى، نەق مەيدان كەيپىياتى ھەيۋەتلىك، قىزغىن ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ بىر بېلىتىنى تاشلىدى.

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئاياغلاشتى، 1 مىلياردتىن ئارتۇق سايلىغۇچى بىر ئادەم بىر ئاۋاز بىلەن ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ۋەكىلىنى بىۋاسىتە سايلاپ چىقتى.

  ئون يىلدىن بۇيان، بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈم ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۇرغۇتتى.

  —— جۇڭگوچە كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدا تۈزۈملىشىپ راۋاجلاندى.

  2022-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. كۆپچىلىك پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، تەرەققىيات پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

  بۇ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ جانلىق ناماياندىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىدىكى ئۆزگىچە دېموكراتىيە شەكلى. 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىدە، كۆپ قاتلامدا تۈزۈملىشىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش» __ سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى؛ 2015-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيەلەر كېڭىشىشى، خەلق قۇرۇلتىيى كېڭىشىشى، ھۆكۈمەت كېڭىشىشى، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىشى، خەلق تەشكىلاتلىرى كېڭىشىشى، ئاساسىي قاتلام كېڭىشىشى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار كېڭىشىشىدىن ئىبارەت يەتتە خىل كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ يوللىرى، مەزمۇنى، ئۇسۇلى، ھەرىكەت مېخانىزمى قاتارلىقلار ئۈزلۈكسىز بېيىپ ۋە راۋاجلىنىپ، جۇڭگوچە كېڭىشىش دېموكراتىيە سىستېمىسى شەكىللەندى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمى يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنى قۇرۇش، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنى قۇرۇش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى قۇرۇش، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنى قۇرۇش ... 2018ـ يىل 2-ئايدا، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مەخسۇس تەتقىقات ئاپپاراتى ئىسلاھاتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى« ۋە» پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنكى قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، 25 مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپارات تەشكىللەپ قۇرۇلدى ۋە قايتىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلدى، 31 مىنىستىر دەرىجىلىك ئاپپاراتنىڭ رەھبەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتى تەڭشەلدى، ئەلالاشتۇرۇلدى. ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقان پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  --بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى« دا بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى» مۇھىم تارىخىي تەجرىبە قىلىندى. 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: « يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە ___ پارتىيە بىرلىك سېپىنىڭ 100 يىللىق تەرەققىيات تارىخى ئەقىل ـ پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ تۈپ كۆرسەتكۈچى، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك».

  مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىشتىن باشلاپ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى تارقىتىشقىچە، پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقىچە؛ پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىن ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە... بولغان ئون يىلدىن بۇيان، بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقان سىياسەت-تەدبىرلەر، ئەڭ زور چەكتە ئورتاق كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ تەرەققىي قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، بىرلىك سەپتە ئىتتىپاقلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يول ئېچىش، جانلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

  -- ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2015 ـ يىلى تۇنجى قېتىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، كەڭ ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  --خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى؛ دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىندى؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالدى؛ ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تىنچ جۇڭگو، جۇڭگونى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىقى ساقلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەقىقىي قوغدالدى. دۆلىتىمىز يەر شارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  تەنتەنىلىك ھالدا قايتا سەپەرگە ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، بىز چوقۇم ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دېموكراتىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ