مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.08.30 00:32 مەنبە: خەلق تورى

  پايتەختنىڭ شەرقىي قانىتى، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى __ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىي ۋوگزالى ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئون نەچچە قېزىش ماشىنىسى بىرلا ۋاقىتتا قېزىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى، ۋوگزال ئۆيىنىڭ مەركىزىي رايونى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىلىق قۇرۇلۇش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىرگەن ئىدى.

  بوخەي دېڭىزى ساھىلى، تيەنجىن پورتى بېيجياڭ پورت رايونىدىكى يۈك ساندۇقى پىرىستانىدا 70 نەچچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىرانسپورت ماشىنا ئادىمى ئەركىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئاپتوماتلاشقان 42 رېلىسلىق كۆۋرۈك رەتلىك تىزىلغانىدى.

  بەيياڭديەن كۆلى بويىدا، «قۇشلار ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق» __ يېشىلباش چۆمگەك ئۆردەك بۇ يەرگە ماكانلاشتى، بەيياڭديەندىكى ياۋاقۇش تۈرى كۆپىيىپ 237 خىلغا يەتتى.

  .....................

  «بېيجىڭ–تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇ مەسىلىگە بولغان تونۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قاتلىمىغا كۆتۈرۈش كېرەك» 2014- -يىلى 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى بىلەن بېيجىڭ -تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە–ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويدى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئوبراز نامايان قىلىندى

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، 50 نەچچە ياشلىق جوۋ جىچۈەن خوتۇنى بىلەن شيۇڭئەن يېڭى رايونى رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، 90 كىۋادرات مېتىرلىق ئۈچ ئېغىزلىق ئۆيدىن ئۇ ناھايىتى رازى بولۇپ مۇنداق دېدى: «ئۆينى ئىنچىكە بېزىگەندە پاكىز ھەم خاتىرجەم بولغىلى بولىدۇ، ئەڭ قولايلىق بولغىنى 15 مىنۇتتىلا كۆكتات بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ. ئوغلۇم، كېلىنىمنىڭمۇ بىر يۈرۈش ئۆيى بار، ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولالايدىغان بولدۇق»!

  بىر پارچە قاقاس چۆللۈكتىن بىنالار قەد كۆتۈرگىچە، رۇڭدۇڭ تەۋەلىك رايونىغا ئۈچ تۈركۈمدە كۆچۈپ كەلگەن 60 مىڭغا يېقىن ئامما يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان جۇڭگو بىناكارلىق-قۇرۇلۇش 8-ئىدارىسى رۇڭدۇڭ تەۋەلىك C رايونى ئۆمەك تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇش تۇرالغۇ تۈرىنىڭ مەسئۇلى چېن شۈدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە 87 مۇنارسىمان كىران ئىشقا سېلىنىپ، 16 مىڭ ئىشچى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلدى، 147 يۈرۈش بىنا 120 كۈندە سېلىنىپ بولۇندى. شيۇڭئەندە، ھەر كۈنى يېڭى ئىشلار ۋۇجۇدقا چىقماقتا».

  «مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى. 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىندى. پىلاندىكى كۆلىمى 1770 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ زېمىندا، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىلدى.

  قاتناش تېخىمۇ قولايلاشتى. بېيجىڭ- شيۇڭئەن شەھەرئارا تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى بېيجىڭنىڭ بىر سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكىگە كىرگۈزۈلدى، «رېلىستىكى بېيجىڭ-تيەنجىن– خېبېي»غا يېڭى غول لىنىيە قوشۇلدى. بېيجىڭ- شيۇڭئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ خېبېي بۆلىكى، رۇڭچېڭ-ۋۇخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ يېڭى لىنىيەسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىدا «ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان» تاشقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ غول يول تورى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندى.

  ئەسلىھە تېخىمۇ مۇكەممەل بولدى. شەھەر مەمۇرىيىتىنىڭ يانداش ئۇل ئەسلىھە تۇرۇبا لىنىيەلىرى يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىغا مەركەزلىشىپ، ئۆمۈچۈك تورى شەكىللىك كابېللار كۆرۈنمىدى، ئاقىل يول چىرىغى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇدۇق قاپقىقىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى پەللىدە قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  مۇھىت ئولتۇراقلىشىشقا تېخىمۇ ماس كەلدى. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %11 تىن %32كە ئۆستى؛ 2021–يىلى بەيياڭديەننىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى ئۈچىنچى دەرىجە بولۇپ، پۈتۈن ۋادىدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 13 مىڭ قانۇنسىز بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېتىلدى. بىر پارچە كۆكچىلىك-يېشىللىق گىرەلىشىپ كەتكەن، سۇ شەھىرى بىر گەۋدىلەشكەن گۈزەل مەنزىرە ئاستا–ئاستا نامايان بولدى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى شەكىلنى نامايان قىلىپ ئوبراز يارىتىپ، تىرىشىپ شيۇڭئەننى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.»

  بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

  «ئۆتكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان مەزگىل بولدى. بىزنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك خېرىدارلىرىمىز بار بولدى، كەسىپ دائىرىمىزمۇ ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.» ليەنخۇي ئەقلىي ياسىمىچىلىق شىركىتى بۇلتۇر تيەنجىن بىنخەي- جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسىغا ماكانلاشتى ھەم كارخانا تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش ئىشتابى تەسىس قىلدى. شىركەت مەسئۇلى جاۋ فۇخەي باغچە رايونى تەمىنلىگەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمىتىنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقىي قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يېڭى مەھسۇلاتقا كەشپىيات پاتېنتىنى ئىلتىماس قىلىشقا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ يىل ۋاقىت كېتەتتى، يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى بۇنىڭغا ھەقىقەتەن تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ؛ باغچە رايونىنىڭ <مەخسۇس خىزمەت بەنزىسىنىڭ كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش> ئەندىزىسى ۋاقىت چېكىنى تۆت ئايغا قىسقارتتى، بۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە يىلتىز تارتىشىمىزنىڭ ئىشەنچ مەنبەسى».

  بازار، پۇل مۇئامىلە، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن كارخانا مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش، كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىلدى... چىنار دەرىخى تىكىلىپ، ئالتۇن سۇمۇرغ جەلپ قىلىندى. ھازىر تيەنجىن بىنخەي- جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسى 3000دىن ئارتۇق كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدىن تيەنجىنگە كەلگەن كارخانىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2019 –يىلىدىكى %16تىن %30 كە ئۆرلىدى، كەسىپ بايلىقى تېز توپلاشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھالقىلىق تۇتقا»نى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى پائال، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇش كېرەك. «<سېۋەتكە تەرگەننىڭ ھەممىسى كۆكتات> دېيىشكە بولمايدۇ، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات بوشلۇقى جەھەتتە يۆتكىلىشلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك».

  سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا» چىڭ تۇتۇلۇپ، ئالاقىدار خىزمەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇندى.

  بېيجىڭ «ئورۇقلاپ، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇپ»، يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلىدى 2014- يىلىدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئادەتتىكى ياسىمىچىلىق ۋە بۇلغىما كارخانىلىرىدىن جەمئىي 3000نى چېكىندۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك توپ سېتىش بازىرى ۋە ئەشيا ئوبوروت مەركىزىدىن تەخمىنەن 1000نى تارقاقلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  بېيجىڭنىڭ يېڭى «ئىككى قانىتى» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىلدى. شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا قارايدىغان بولساق، جۇڭگو شىڭۋاڭ، جۇڭگو جۇڭخۇا، جۇڭگو خۇانېڭ قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش باش ئىشتابى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، جۇڭگو قېزىلما بايلىق گۇرۇھى رويخەتكە ئېلىنىپ ماكانلاشتى، تۇنجى تۈركۈمدىكى تارقاقلاشتۇرۇلغان ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانىلارمۇ ئورۇن تاللاپ بېكىتىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەتتى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىگە قارايدىغان بولساق، يەر شارى ئاساسىي تېما باغچىسىنىڭ ئېچىلىشى راۋان بولۇپ، 14 مىڭدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كارخانا قانال سودا رايونىغا ماكانلاشتى، مەمۇرىي ئىش بېجىرىش رايونىدىكى 2-قارارلىق 10 پارچە يەردىكى قۇرۇلۇشنىڭ ھەممىسىدە ئىش باشلاندى.

  تيەنجىن-خېبېي ئىككى جاي كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. بېيجىڭ شيەندەي ساڭجوۋ زاۋۇتىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 51 سېكۇنتتا بىر ئاپتوموبىل پۈتۈپ چىقتى، «بىر ئاپتوموبىل» 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈلدى؛ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي گۇئەن خەلقئارا سودا شەھەرچىسى تىجارەت باشلاپ، بېيجىڭدىكى 4000 غا يېقىن كىيىم-كېچەك سودىگىرى، 200دىن ئارتۇق كىيىم-كېچەك توشۇش بىۋاسىتە لىنىيەسى، 500دىن ئارتۇق ئۇلاپ توشۇش لىنىيەسى قوبۇل قىلىنىپ، «بىر نۇقتىدا پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگۇەنسۈندىكى كارخانىلار تيەنجىن، خېبېي ئىككى جايدا جەمئىي 9000دىن ئارتۇق تارماق ئاپپارات تەسىس قىلدى؛ بېيجىڭ بىلەن تيەنجىن، خېبېي جەمئىي ھاسىل قىلغان تېخنىكا توختامى پۈتۈشۈش سوممىسى 176 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقىدار تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇلىرى بىر-بىرلەپ بۇزۇپ تاشلىنىپ، كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىندى. بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزى بىلەن خېبېي لاڭفاڭنىڭ شىمالىدىكى «ئۈچ ناھىيە»نىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «رايونلار ئارا بىر تۇتاش بېجىرىش» رەسمىي باشلاندى، 453 تۈرلۈك يۇقىرى چاستوتىلىق خەلققە قولايلىق ئىش تۈرى ۋە 70 تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرى يولغا قويۇلدى. بۇ يىل شيۇڭئەن يېڭى رايونى «كارخانا قۇرۇش 2.0 نۇسخىسى» ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭدىكى كارخانىلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ كۆچۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

  ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ رۇڭچېڭ ناھىيەسىدىكى 50 نەچچە ياشلىق دېھقان لاۋجيا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىشىك ئالدىدىكى شىپاخانىدىلا داۋالىنالايمىز، ھەر قېتىم شەھەرگە بېرىپ كېسەل كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.» لاۋجيانى داۋالىغان رۇڭچېڭ ناھىيەلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئەن خۇڭزې پايتەخت تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسىدا ئۈچ يىل بىلىم ئاشۇرۇپ ئۆگىنىپ، كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. ئەن خۇڭزې: «مەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى.

  سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  داۋالاش ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى 65 داڭلىق داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى شيۇڭئەندىكى ئۈچ ناھىيەدىكى 48 داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، يېزا-بازار شىپاخانىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ياردەم بەردى، بىر تۈركۈم داڭلىق دوختۇر-مۇتەخەسسىسلەر ئۈچ ناھىيەنىڭ داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىغا ماكانلىشىپ، نۇقتىلىق پەنلەر قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ تۈرلۈك تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇردى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى تېز ئاشتى.

  مائارىپ ھەمكارلىقى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتى. 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا، بېيجىڭ شەھىرى «ئاچقۇچ تاپشۇرۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى «ئۈچ مەكتەپ، بىر شۆيۈەن» ئىچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تۈرىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ قوللىغان شيۇڭئەن يېڭى رايونىدىكى «ئۈچ مەكتەپ»نىڭ تۈرىنى تولۇق تاپشۇردى. سەككىز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېيدىكى ئالىي مەكتەپلەر كوزىر دەرسلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، ئەۋزەل پەن تەتقىقات بايلىقىنى ئېچىۋېتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۆزئارا ئەۋەتتى، خېبېيدىكى 1000دىن ئارتۇق غوللۇق مەكتەپ مۇدىرى، ئوقۇتقۇچىلار بېيجىڭ، تيەنجىندىكى ئەلا سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ رايون تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ رايونلار ھەمبەھرىلىك تەرەققىيات كۆرسەتكۈچىدە بىر قەدەر تېز ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن، 2020-يىللىق كۆرسەتكۈچ 133.78 بولۇپ، 2014-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5.63 نۇقتىدىن ئاشقان. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئۈچ جاينىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە داۋالاش-ساقلىق ساقلاش چىقىمىنىڭ نىسبىتى 2014-يىلىدىكى 2.84:2.40:1 دىن 2020-يىلىدىكى 2.49:1.60:1 گە تۆۋەنلىگەن.

  «بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي خۇددى بىر تال گۈلنىڭ گۈل بەرگىگە ئوخشايدۇ، گۈل بەرگى ئوخشىمايدۇ، ئەمما گۈل بەرگى بىر نىيەتتە بولىدۇ.» قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى تېخىمۇ كەڭ پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ