خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە نۇتۇقلىرى توپلىمى»نىڭ 1-، 2-تومىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىر-تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
«شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە نۇتۇقلىرى توپلىمى»نىڭ 1-، 2-تومىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى 3-ئايدىن 2021-يىلى 11-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 136 پارچە مۇھىم ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە نەشرىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ھەم جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشى، جۇڭگو قائىدىسى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ