مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

​لى كېچياڭ ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.07.11 11:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەننىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن سابىق باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەننىڭ تۇيۇقسىز بەختسىزلىككە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، سابىق باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سابىق باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، پايدىلىق تۆھپە قوشقان. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدىم. مەن ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىقىدىن قاتتىق ئېچىندىم. مەن باش ۋەزىر ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تۆت سىياسىي ھۆججىتى ئاساسىدا ئورنىتىلغان تۈرلۈك پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پىروفېسسور پېڭ لىيۈەن سابىق باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەننىڭ رەپىقىسى ئەنبېي جاۋخۇي خانىمغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ئەنبېي جىنسەننىڭ تۇيۇقسىز بەختسىزلىككە ئۇچراپ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: سابىق باش ۋەزىر ئەنبېي جىنسەن ئىلگىرى جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقان. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پايدىلىق پىكىر ئالماشتۇرغان. مەن باش ۋەزىر ئەنتيەن بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ