مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ «يەرشارىۋى تەرەققىيات: ئورتاق بۇرچ ۋە ھەرىكەت قىممىتى» ئاقىللار ئامبىرى تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.07.06 08:53 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «يەرشارىۋى تەرەققىيات: ئورتاق بۇرچ ۋە ھەرىكەت قىممىتى» ئاقىللار ئامبىرى تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، جانسىز بولۇپ، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات ھاڭى يەنىمۇ چوڭايدى، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنسانلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم، زور تېمىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن، جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلقئارادا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قارالمىسىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان يەرشارىۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  «يەرشارىۋى تەرەققىيات: ئورتاق بۇرچ ۋە ھەرىكەت قىممىتى» ئاقىللار ئامبىرى تاراتقۇلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ