مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2022.07.08 08:39 مەنبە: خەلق تورى

  مەركەز خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەز خامچوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە باشقا مالىيە كىرىم-چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا قوللىنىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار 2021 ـ يىللىق مەركەز خامچوتىنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە چىقىمى، دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كۈچەيتىپ، مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئىقتىسادچىل بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە تارقىتىش كېرەك. ئالاقىدار جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلار تۈزىتىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بىرمۇبىر لايىھە تۈزۈپ تېزدىن تۈزىتىپ، مۇۋاپىق پەيتتە «قايتا قاراپ چىقىش»نى قانات يايدۇرۇپ، تۈزىتىشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشلىك بويىچە تۈزىتىش گوۋۇيۈەننىڭ چوڭ تەكشۈرۈشىگە كىرگۈزۈلىدۇ. تۈزىتىش ئەھۋالىنى مەخسۇس ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ، تۈزىتىشنى رەت قىلىش، ئەپلەپ-سەپلەپ تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  تۈزىتىش نەتىجىسىنى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلىش ھەمدە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك. ئىككىنچى، خاراكتېرى قەبىھ بولغانلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، ھەم ئىشنى ھەم ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىنىمۇ بىلىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك. ئومۇمىيەتكە ياتىدىغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈم-قائىدىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچى، باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قايتۇرۇلغان باجنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، مائارىپ، ئاساسىي تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنىڭ ئۆلچەملىك، بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، تۇتۇپ قېلىشقا، ئىشلىتىۋېلىشقا، خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىشقا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. بەشىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. مالىيە-ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولمىغان غەيرىي مۇتلەق چىقىملارنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىسقارتىپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ۋە چۆكمە مەبلەغنى بەلگىلىمە بويىچە قايتۇرۇۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش، سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىش، بۇزۇپ ـ چېچىپ ئىسراپ قىلىش قاتارلىقلارنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ھەم ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى يولغا قويۇش، ھەم «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جەريانىدا، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مەقسەت بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئۇچۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى. ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئېلېكتىرونلۇق كىنىشكا ئىشلىتىشنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆپ يىل قوللىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بازار سودىسىغا قولايلىق يارىتىشقا پايدىلىق، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا پايدىلىق. ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ بازار ئىجازىتى، باج تاپشۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق يۇقىرى چاستوتىلىق مۇلازىمەت ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تامغىنى ماس قەدەمدە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تارماقلار ۋە جايلار ئۇچۇرلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ