مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى​

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى نامايان قىلىش كېرەك

2022.07.11 10:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جاۋاب خەت

  جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەر:

  ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلاردىن خەۋەردار بولدۇم. مەن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان، مۇزېي مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. دۆلەت مۇزېيىنىڭ يىغىپ ساقلاش، تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش، تاشقى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. دۆلەت مۇزېيى قۇرۇلغانلىقىغا 110 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، مەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! دۆلەت مۇزېيىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  مۇزېي ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم سورۇن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىپ نامايان قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېيى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2022 - يىلى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدىكى پېشقەدەم مۇتەخەسسىسلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، دۆلەت مۇزېيى قۇرۇلغانلىقىغا 110 يىل بولغان پەيتتە، دۆلەت مۇزېيىدىكى بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى بىرنەچچە قېتىم دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغان، مۇزېي مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانىدى. دۆلەت مۇزېيىنىڭ يىغىپ ساقلاش، تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش، تاشقى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى سۆيۈندۈم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇزېي ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قوغدايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان مۇھىم سورۇن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. يولداشلارنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېيى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىنىڭ ئاساسى 1912 - يىلى 7 - ئايدا تەسىس قىلىنغان دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش باشقارمىسى ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ شەرق تەرىپىدە يېڭىدىن جۇڭگو ئىنقىلابى مۇزېيى ۋە جۇڭگو تارىخ مۇزېيى قۇرۇلدى، 2003 - يىلى ئىككى مۇزېي بىرلەشتۈرۈلۈپ جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى قۇرۇلدى، 2012 - يىلى كېڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كېيىن رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، ھازىر ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار 1 مىليون 400 مىڭدىن ئاشىدۇ. يېقىندا، دۆلەت مۇزېيىنىڭ ئون پېشقەدەم مۇتەخەسسىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، دۆلەت مۇزېيىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇشتۇرۇپ، دۆلەت مۇزېيىنىڭ يىغىپ ساقلاش، توپلاش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىپ نامايان قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى دوكلات قىلىپ، دۆلەت مۇزېيىدىكىلەرنىڭ بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ