مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خۇبېيدا چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

لى جەنشۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دەريا سۈيىنىڭ شەرققە قاراپ ئېقىشىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەكىتلىدى

2022.07.06 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، خۇبېيدا چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەريا سۈيىنىڭ شەرققە قاراپ ئېقىشىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يىچاڭ، جىڭجوۋ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەسىپلەر رايونى، سەنشيا توسمىسى رايونى، ئاۋىياتسىيە بېكىتى-پىرىستانى، كۆل، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەق مەيدانىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىغا ئالاقىدار ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىدىكى خادىملار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئالاقىدار پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، خۇبېينىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تۈزەش، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول، تارماق ئېقىنىنى تومۇر، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇم، مۇزنى ئورگانىك بىر پۈتۈن گەۋدە قىلغان دەريا-كۆل مۇناسىۋىتى ئىناق، ۋادىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا، ئېكولوگىيەلىك ئېقىن مىقدارى يېتەرلىك، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئۈنۈملۈك، جانلىقلار تۈرى كۆپ خىل بولغان ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىدا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ بايلىقىنى قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىقلار توغرىسىدا قانۇن-بەلگىلىمە چىقىرىلغان، بۇنىڭ يادروسى چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ پۈتكۈل ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. «چاڭجياڭ دەرياسى ساقسىز بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلى يېنىك ئەمەس». بۇ «كېسەل»نىڭ يىلتىزى دەل پۈتكۈل چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدا: بېلىقلارنى زىيادە تۇتۇش __ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقىغا زىيان يەتكۈزدى؛ قانۇنسىز كېسىش، زىيادە بوز يەر ئېچىش، قېزىش __ كەلكۈن ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ سۇ بايلىقىنىڭ بۇلغىنىشى __ ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا خەۋپ يەتكۈزدى؛ دەريا قىرغىقىنى قارىغۇلارچە، تەرتىپسىز ئېچىش، بولۇپمۇ زاۋۇت، شەھەر-يېزا، كېمە-پاراخوتلارنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشى __ ئېكولوگىيەنىڭ ناچارلىشىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇتلەق مۇھىم ئورۇنغا قويۇش» تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۇھىمى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كېسەلنى تۈپتىن داۋالاشنىڭ بۇ «رېتسېپ»ى گەۋدىلەندۈرۈلدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى سۈزۈلدى، قىرغاق يېشىللاشتى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈچەيدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىق» ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پىلانلاش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چەكلەش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەدبىر خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلىغا ئاساسەن داۋاملىق كۈچەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تۈزۈم ۋە قانۇنچىللىققا تايىنىپ چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش كېرەك. قانۇننى يولغا قويۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، قانۇننى جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، قانۇن-تۈزۈملەرنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  خۇبېيدىكى مەزگىلدە، لى جەنشۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ۋۇخەندىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ كونا ئورنىغا بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم خۇبېيغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، خۇبېينىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، بولۇپمۇ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: پەن-تېخنىكىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۆزىنى-ئۆزى كۈچەيتىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشچانلىقى، بىخەتەرلىكى، ئىرادىسىنىڭ يۈكسەكلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇش مۇھىم، زور، دەپ تەكىتلىدى. خۇبېي ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى باشلامچى رايوننى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت قانۇنى ۋە ئالاقىدار تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ