مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى

2022.07.04 14:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭدا شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، سىلەرنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى سىجىل، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىغا قەتئىي تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خې يىچېڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، ئاۋمېننىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، شيا باۋلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ