شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ ماركوسنىڭ فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى
2022.07.04 13:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
6- ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىردىناند رومۇلدېز ماركوسقا خەت ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، مەن سىز بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو - فىلىپپىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلدۇق. مەن زۇڭتۇڭ ماركوس بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - فىلىپپىن دوستلۇقىدىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ