مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى

2022.07.04 13:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جيەنشىڭ، جۇ جىچەي، جا ۋېنيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ قەتئىي قوللىشىدا، سىز باش مەمۇرنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، زوراۋانلىقنى توسۇپ، مالىمانچىلىقنى تىزگىنلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش روھىنى نامايان قىلدىڭىز. سىزنىڭ بۇ بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمىتىڭىزنى مەركەز تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ لىنجېڭ يۆئېنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پائال قوللاپ، داۋاملىق تۈردە شياڭگاڭ ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  لىنجېڭ يۆئې رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭدا يۇقۇم يەنىلا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا شياڭگاڭغا كېلىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ھەم شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلى قالتىس بەش يىل بولدى، مەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. ۋەتەننىڭ باي - قۇدرەت تېپىشى، گۈللەپ ياشنىشىغا، شى جۇشىنىڭ شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىيەت، قانۇن چىقىرىش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ۋەكىل زاتلار، شياڭگاڭ ئىنتىزام قىسمىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە ئاساسلىق جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇر لى جياچاۋلارمۇ ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ