مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى كوشانوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.06.30 00:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا قازاقىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى كوشانوۋ بىلەن سىنلىق سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو-قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ، ھەمكارلىقنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر ئالتۇن 30 يىلىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، قازاقىستاننىڭ ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇم خىرىسى ئالدىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا كۈچلۈك غەيرەت نامايان بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى داۋاملىق يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا دۇنيا تەرەققىياتى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆزلىشىش يىغىنىدا دۇنيا تەرەققىياتى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى جاكارلىدى. قازاقىستان تەرەپ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى پائال قوللىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆھبەت يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قازاقىستان پارلامېنتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىگە ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، باراۋەر قانۇنچىل مۇھىت بىلەن تەمىنلىشىنى ھەم كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ جۇڭگو-قازاقىستان قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسىگە قاتنىشىشىغا پائال ئىلھام بېرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كوشانوۋ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن. قازاقىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەر شارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قازاقىستان پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ