مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى

ئالاقىدار تەرەپلەرگە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇاغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى

2022.07.04 13:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ جىچەي، چېن جيەنشىڭ، سۇ ۋەنمىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىز مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن چىن قەلبىڭىزدىن پۈتۈن كۈچىڭىزنى چىقاردىڭىز، بۇ ناھايىتى قىممەتلىك. سىزنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك باش مەمۇر ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىرلىكتە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملىشىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لياڭ جېنيىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئىلھام بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن شياڭگاڭ ۋە دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دىڭ شۆشياڭ، شيا باۋلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى، شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار تەرەپلەرگە شياڭگاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇڭ جيەنخۇاغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى مەخسۇس ھاۋالە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ