شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئىلىم-پەن باغچىسىدا خىزمەت تەكشۈردى

2022.07.01 22:44 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ ھەمراھلىقىدا، شياڭگاڭ ئىلىم-پەن باغچىسىدا خىزمەت تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شياڭگاڭ نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەركىزىدە خىزمەت تەكشۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ ھەمراھلىقىدا، شياڭگاڭ ئىلىم-پەن باغچىسىدا خىزمەت تەكشۈردى، شياڭگاڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە پەن تەتقىقات خادىملىرى، ياشلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

  شياڭگاڭ ئىلىم-پەن باغچىسى شياڭگاڭدىكى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات ۋە كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، نۆۋەتتە 1100 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە 17 مىڭدىن ئارتۇق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بار بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن داڭلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى تەجرىبىخانا قۇرۇشقا جەلپ قىلدى. ئىلىم-پەن باغچىسىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى، شېنجېن-شياڭگاڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، شياڭگاڭ ئىلىم-پەن باغچىسىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، شياڭگاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزنىڭ قوللىشى بىلەن، شياڭگاڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۇل تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت دەۋر تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى قوللاشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تىرەكلىك ۋە يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ شياڭگاڭ نېرۋا چېكىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر مەركىزىگە بېرىپ، بۇ مەركەزدىكى تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ ئالزېيمېر كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شياڭگاڭدىكى ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، پەن تەتقىقات خادىملىرى، ياشلار پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. دۆلەت شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالىق پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاشنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانغا كىرگۈزۈپ، شياڭگاڭدىن ناھايىتى زور ئۈمىد كۈتتى. شياڭگاڭنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى توپلاپ گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى ئىچكىرى ئۆلكە شەھەرلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. شياڭگاڭدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەننى، شياڭگاڭنى سۆيۈش ئەنئەنىسىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىنى نىشانلاپ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى بىلەن پائال جىپسىلىشىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار پۈتۈن جەمئىيەتتىكى ھاياتىي كۈچكە ئەڭ باي، ئەڭ ئىجادچانلىققا ئىگە توپ، شۇنداقلا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. ياشلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كۈرەش ھاياتىدا يۈكسەك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، شۈ چىلياڭ، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شياڭگاڭ شىجيۇ مەدەنىيەت رايونىغا جايلاشقان ئەلنەغمە مەركىزىگە بېرىپ، مەدەنىيەت رايونىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىگىلىدى؛ چايخانا، تىياتىرخانا، رېپېتىتسىيە زالىغا كىرىپ، يۆجۈ تىياتىرىنىڭ جېزى ئۇيۇنى رېپېتىتسىيەسى ۋە شياڭگاڭ تيەنلەي دۇنخۇاڭ ئوركېستىرىنىڭ رېپېتىتسىيەسىنى كۆرۈپ، ئويۇن قالتىس بولدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دەپ ماختىدى.

  مەركەزنىڭ 2-قەۋىتىدىكى زالدا ياش پىدائىيلار ئەنئەنىۋى قەغەز سەنئىتى قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىمەكتە ئىدى. پېڭ لىيۈەن كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەمدە بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى، شياڭگاڭلىق ياش ئەۋلادلارنى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ