مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋە شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن

شى جىنپىڭ شياڭگاڭغا يېتىپ باردى

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې قاتارلىقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالىغا بېرىپ كۈتۈۋالدى

2022.07.04 13:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شياڭگاڭغا يېتىپ باردى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ جىچەي، چېن جيەنشىڭ) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شياڭگاڭغا يېتىپ باردى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6 - نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە شياڭگاڭنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.

سائەت 15تىن 10 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس پويىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول شياڭگاڭ غەربىي جيۇلۇڭ ۋوگزالىغا ئاستا - ئاستا كىرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن پويىزدىن چۈشكەندە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې ۋە ئۇنىڭ ئېرى لىن جاۋبو ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. قارشى ئېلىش مۇراسىمىدا، شياڭگاڭ ساقچىلار ئوركېستىرى قىزغىن قارشى ئېلىش مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، جۇشقۇن ھەم ھاياتىي كۈچكە تولغان شىر ئۇسسۇلى خۇشاللىق ئىچىدە ئوينالدى، شياڭگاڭلىق نەچچە يۈز ياش، ئۆسمۈر ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىلى دۆلەت بايرىقى، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ رايون بايرىقى ۋە گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم شياڭگاڭغا بېرىشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار نەق مەيداندا ساقلاپ تۇردى. شى جىنپىڭ زىيارەت رايونىغا بېرىپ، نەق مەيداندىكى مۇخبىرلاردىن ئەھۋال سورىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەتە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىم كۈنى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە بۇ خۇشاللىقنى تەبرىكلەيدۇ. مەن شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە گۈزەل تىلەك تىلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن شياڭگاڭغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، شياڭگاڭنى ياد ئېتىپ تۇردۇم، مېنىڭ قەلبىم ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن بىللە. ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، شياڭگاڭ ئارقا - ئارقىدىن قاتتىق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى بىر - بىرلەپ يېڭىپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، شياڭگاڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغان، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى قوغدايدىغان ياخشى تۈزۈم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بوشاشماي تىرىشقاندىلا، نىشانغا ھامان يەتكىلى بولىدۇ. پەقەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»دە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، شياڭگاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، شياڭگاڭ چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆ، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شيا باۋلۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ بىرلىكتە يېتىپ باردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېنيىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇرى لى جياچاۋ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى جاڭ جۈنېڭ، مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى چېن ماۋبو، قانۇن مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جېڭ روخۇا، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى لياڭ جۈنيەن، مەمۇرىي كېڭەش بىرەسمىي كېڭەش ئەزالىرى چاقىرغۇچىسى چېن جىسى قاتارلىقلار ۋوگزالغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لو خۇينىڭ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جېڭ يەنشيۇڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق خاس ۋەكىللەر مەھكىمىسىنىڭ خاس ۋەكىلى ليۇ گۇاڭيۈەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ سىلىڭيۇەنى پېڭ جىڭتاڭ، جېڭۋېيسى لەي رۇشىن قاتارلىقلارمۇ ۋوگزالغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ