جاۋاب خەت
يولداش شۈ سۇڭشياڭ:
ياخشىمۇسىز! خېتىڭىزنى تاپشۇرۇۋالدىم، سىزنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تەيخې ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىش ماھىرى ئىكەنلىكىڭىز ئېسىمدە. ئائىلىڭىزنىڭ بۇغداي تېرىپ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنلىكى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئەگىشىپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە تەشۋىش بولمايدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەن ئىزچىل ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغلىرىمدىمۇ دائىم ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەتتىم. بۇ يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇش، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى پۇل تاپالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ كۆلەملىك تىجارەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى پائال قوللىنىپ، كەڭ كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاشلىقنى كۆپ تېرىشى، ئاشلىقنى ياخشى تېرىشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ماڭا ۋاكالىتەن يۇرتداشلارغا سالام ئېيتىڭ!
شى جىنپىڭ
2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تەيخې ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى شۈ سۇڭشياڭغا جاۋاب خەت قايتۇردى، شۇ جايدىكى يۇرتداشلارغا سالام يوللىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تەيخې ناھىيەسىدىكى ئاشلىق تېرىش ماھىرى ئىكەنلىكىڭىز ئېسىمدە. ئائىلىڭىزنىڭ بۇغداي تېرىپ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنلىكى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئەگىشىپ يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە تەشۋىش بولمايدۇ. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەن ئىزچىل ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان چاغلىرىمدىمۇ دائىم ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلەتتىم. بۇ يىللاردا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇش، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى پۇل تاپالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزەلەيدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ كۆلەملىك تىجارەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى پائال قوللىنىپ، كەڭ كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئاشلىقنى كۆپ تېرىشى، ئاشلىقنى ياخشى تېرىشىغا باشلامچىلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شۈ سۇڭشياڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فۇياڭ شەھىرى تەيخې ناھىيەسى جيۇشيەن بازىرى جاڭخۇەي كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، ئىزچىل يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، 2010 - يىلى باشلامچى بولۇپ يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا شۇ جايدىكى ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسىگە ئايلىنىپ، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەتلىك ئاشلىق تېرىش ئۈلگىسى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. 2011 - يىلى 4 - ئايدا، شى جىنپىڭ جاڭخۇەي كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئۇنىڭدىن ۋە يۇرتداشلاردىن بۇغداي تېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. يېقىندا، شۈ سۇڭشياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ۋە تەسىراتلىرىنى دوكلات قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئاشلىقنى كۆپ تېرىشى، ئاشلىقنى ياخشى تېرىشىغا باشلامچىلىق قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى