مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

2022.06.30 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  6–ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىقتىسادنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش تېخنىكا يېتەكچىلىك مەركىزىگە كەلدى. مەسئۇل خادىم «كارخانىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئويىڭىز»، «كارخانا قۇرماقچىمۇ سىز» قاتارلىق تەربىيەلەش، يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق فوند تەسىس قىلىپ، قەرز پۇل كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلغان نۇرغۇن كارخانىنى يېتىشتۈرۈپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئادىي كىشىلەرمۇ پاراسەتلىك كېلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۆسۈشكە ۋە كارخانا قۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جاسارەتكە ئىگە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت پۇقراۋى كارخانىلار، يەككە سوداـ سانائەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ كارخانا قۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى بىردەك قوللايدۇ. لى كېچياڭ يەنە كەسپىي تەربىيەلەش جەھەتتە قانات يايدۇرغان تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەسپىي تەربىيەلەشنى بازار ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ۋە خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشى جاپالىق بولسىمۇ، تىرىشىپ ئىشلىگەندىلا ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولىدۇ، ئەمگەككە تايىنىپ بايلىق ياراتقىلى بولىدۇ. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. يۇقۇم ئەھۋالى قاتارلىق مۆلچەردىن ئېشىپ كەتكەن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىدا يېڭىدىن تۆۋەنلەش بېسىمى كۆرۈلدى، ھازىر ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر تېز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلدى، لېكىن ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئېغىر. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت تەدبىرلىرىدە بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ تېزدىن نورمال ئىزغا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تېزدىن تۆۋەنلىتىش، تىزگىنلەش كېرەك. ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمەت خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرگە قارىتىلغان ئىش تېپىپ بېرىش يولى بىلەن قۇتقۇزۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەھكىمىسىگە كېلىپ، تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى كۆزىتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ تولۇق كاپالىتى بولۇپ، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئامانلىقنى قوغدايدۇ، شۇنداقلا يەنە پەسەيتىش بەلبېغى بولۇپ، بىر مەھەل قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، قايتا ئىگىلىك تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىياسىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تايىنىپ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، قىيىنچىلىق قانچە كۆپ بولغانسېرى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى خىزمەتلەرنى شۇنچە ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقۇم، ئاپەت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، ھازىر قىيىنچىلىقى بار ئامما كۆپەيدى. ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، ئىشسىزلار ۋە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىك ئوبيېكتلار، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلار قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، كاپالەتلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش جەھەتتە دائىرىنى كېڭەيتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كېڭەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەخلاق تۆۋەن چېكىگە زەربە بېرىدىغان ئىشلار يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، ئاساسىي تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ ساقلاپ قالدى. جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ