مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومى شياڭگاڭدا تارقىتىلدى

2022.07.05 11:33 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت-ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو-چەت ئەل يېزىقى نەشرىيات- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىنىڭ جۇڭگو تىل-يېزىقى، ئىنگلىز تىل-يېزىقى نۇسخىسى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى شياڭگاڭدا تارقىتىلدى.

  مۇخبىر شۇ كۈنى شياڭگاڭ تۇڭلوۋەندىكى شاڭۋۇ نەشرىياتىدا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىنىڭ كىتابخانا ئەينەك ئىشكاپىغا تىزىپ قويۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا 1-قەۋەتتىكى «دۇكان مەسئۇلى تەۋسىيە قىلغان» ئورنىدا، بۇ كىتابنىڭ ئوتتۇرىدىكى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان جايغا تىزىلغانلىقىنى كۆردى.

  كىتابخانىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى ئادىمىيەت سارىيىغا چىققاندا، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلار كىتاب جازىسى ئۈستىگە نومۇر بەلگىسى بويىچە رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان 4- تومدىن باشقا، ئىلگىرى نەشر قىلىنغان 1-توم، 2 -توم، 3-توممۇ ئوخشاشلا تىزىپ قويۇلغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە «جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى» «شى جىنپىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> توغرىسىدا» قاتارلىق كىتابلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا سۇنۇلغانىدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1-تومىدىن 3-تومىغىچە نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى قوزغىتىش، جۇڭگونىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 109 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 21 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن، تەھرىرلىگەندە زۆرۈر ئىزاھات بېرىلگەن. بۇ كىتابقا يەنە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى 45 پارچە سۈرىتى كىرگۈزۈلگەن.

  خېپىڭ كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن لىدىرى لى شياۋخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4-تومىنىڭ جۇڭگو تىل- يېزىقى، ئىنگلىز تىل-يېزىقى نۇسخىسى ئاددىي مۇقاۋىلىق نەشر نۇسخىسى ۋە قاتتىق مۇقاۋىلىق نەشر نۇسخىسىغا ئايرىلغان بولۇپ، تۇڭلوۋەن، جۇڭخۇەن ۋە يوۋمادىغا جايلاشقان ئۈچ كىتابخانا تۇنجى تارقىتىشقا تاللانغان، ئارقىدىن شياڭگاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا كېڭەيتىلىدىكەن ۋە شۇ جايلاردا سېتىلىدىكەن. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شياڭگاڭ كىتاب كۆرگەزمىسىدىمۇ بۇ كىتاب نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ