مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جاۋ لېجى شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.07.04 22:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  جاۋ لېجى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا، كارخانا ۋە بىڭتۇەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى زىيارەت قىلدى، يوقلىدى، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامغا بولغان نازارەتچىلىكنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى نازارەتچىلىك بىلەن تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە ئائىت تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇشى، ياخشى ئىشلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يۈرۈشۈشىگە بولغان پۈتكۈل جەريانلىق نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى پاكلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىدا، جاۋ لېجى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىك فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە نازارەت قىلىشنىڭ ئىجراسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك؛ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رېتىمىنى ساقلاپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت خاھىش»نى داۋاملىق تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىدىن ئىبارەت بۇ توسمىنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇل مۇئامىلە، سىياسىي-قانۇن، ئاشلىق سېتىۋېلىش-سېتىش، تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئېشىش مىقدارىنى توسۇپ، ساقلانما مىقدارنى تازىلاپ تۈگىتىشى كېرەك؛ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنىڭ ئىشنى ئۆزىدىن باشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەنزىنى ياخشى يېتەكلەپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىشى كېرەك؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى باھالاش، تەقدىرلەشنى ياخشى ئىشلەپ، كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرىنى ئىلغارلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىلغارلاردىن ئۆگىنىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئىش قىلىشتا باشتىن-ئاخىر پارتىيەۋىلىكنى مەۋقە قىلىش، ھەقىقىي تۈردە سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ