مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئابدۇراخمانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.07.07 09:26 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى تېببۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئىنقىلابى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 60 يىل ئىلگىرى، ئالجىرىيە خەلقى جاپالىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەرەب ۋە ئافرىقا مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى قوللىدى ۋە ياردەم بەردى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى كۈرەش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ تېببۇن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئالجىرىيە زۇڭلىسى ئابدۇراخمانغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 64 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئىزچىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. مەن زۇڭلى ئابدۇراخمان بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ