مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

زۇڭلى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى

2022.07.07 15:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوۋۇيۈەن جۇڭنەنخەيدە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ قەسەم بېرىشنى نازارەت قىلدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى تەيىنلىگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشكە تەشكىللەش چارىسى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن تەيىنلىگەن 35 تارماق ۋە ئورۇننىڭ 45 مەسئۇلى قانۇن بويىچە ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بەردى.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، قەسەم يېتەكچىسى قولىنى ئاساسىي قانۇنغا قويۇپ، قەسەمنامىنى ئوقۇدى، باشقا قەسەم بەرگۈچىلەر رەتكە تىزىلىپ ئۆرە تۇرۇپ، قەسەمنامىنى ئەگىشىپ ئوقۇدى.

  قەسەم بەرگەندىن كېيىن، لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ بۇ تەنتەنىلىك پەيتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش كېرەك. قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. قانۇن دۆلەتنىڭ قانۇن-ئىنتىزامى، ھەرىكەت مىزانى. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنى ئاڭلىق ھەرىكەت ۋە زۆرۈر ساپاغا ئايلاندۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەدبىر بەلگىلەپ، سىياسەت چىقىرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. ئاددىي ئىشقا ئىرادە تىكلەشنى قوغلاشماي، قىيىن ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ ئىجادىي خىزمەت قىلىش، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش–تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىنچىلىق، خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماي، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە ئاممىنىڭ ئامانلىقى، ھال-ئەھۋالىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. پاك بولۇپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەش كېرەك. ھۆكۈمەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىكىن ئادىل بولۇش كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ ئۆزىنى دۇرۇس تۇتۇپ، باشقىلارنى يېتەكلەپ، ھوقۇقنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، ئىشنى پاكىز قىلىشى كېرەك. كۆپچىلىك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، تىرىشىپ ئىشلەپ بوشاڭلىق قىلماسلىقى كېرەك. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خەن جېڭ، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارلىرىدىن ۋاڭ يۇڭ، جاۋ كېجى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ