مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2022.07.08 13:27 مەنبە: خەلق تورى

  پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ -7 كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بېيجىڭ لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى قېشىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا مۇراسىم باشلاندى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى. ئارقىدىن پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. پايتەخت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى قەسەم بەردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: 85 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى قورال كۈچى ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭگونى يۇتۇۋېلىش رەزىل نىيىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تەپ تارتماستىن ۋەنپىڭ قەلئەسىنى توپقا تۇتۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى پەيدا قىلدى. جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىدى ھەمدە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭگاھىنى ئاچتى. جۇڭخۇا مىللىتى ھايات-ماماتلىق تارىخىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللىي ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گومىنداڭ-كومپارتىيە ھەمكارلىقىنى ئاساس قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنى پائال تەشەببۇس قىلىپ ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئەڭ باتۇرانە، ئەڭ قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى ئۇرۇشقا بىرلىكتە ئاتلىنىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس روھىنى نامايان قىلدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى خاتىرىلەشتە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ئۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي ئەسلىمىنى مۇستەھكەملەپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يېڭى مۇساپىگە تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىپ يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىجاد قىلىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يەنە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىغا گۈل تەقدىم قىلدى ھەم «ئۇرۇش ئىزناسى __ بېيجىڭنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باش تېما قىلىنغان تەۋەلىك رايونى ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  سۈن چۈنلەن، خۇاڭ كۈنمىڭ، خاۋ مىڭجىن، جاڭ چىڭلى، مياۋ خۇا مۇراسىمغا قاتناشتى. سەي چى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى ھەم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان گېنېراللارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 300 دەك كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ