مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ

ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتا تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەكىتلىدى

2022.07.08 14:23 مەنبە: خەلق تورى

  7- ئىيۇل، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ فۇجيەندە شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يىغىندا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ لۇڭ سۆز قىلدى، شاڭخەي شەھىرىنىڭ باشلىقى گۇڭ جېڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شۈ كۈنلىن، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خاۋ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭ سىن ئارقىلىق سۆز قىلدى. كۆپچىلىك نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەملىك يۈزلىنىش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى سۆزلىدى ھەم تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئالاھىدە جەرياننى باشتىن كەچۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ۋە» ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى» دا بېكىتىلگەن سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىر ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىمۇقىمسىز ھەم پۇختا ئەمەس، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ۋە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ماس يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد ئەسلىگە كېلىدىغان ھالقىلىق پەيتتە تۇرىۋاتىدۇ. شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىدىكى بەش ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، مالىيە كىرىمى % 40 كە يېقىن نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ، يەرلىكنىڭ مەركەز مالىيەسىگە ساپ تاپشۇرغان تۆھپىسى % 80 كە يېقىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى ۋە مەركەز مالىيەسىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا يۆتكەپ چىقىم قىلىشىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتا داۋاملىق زور رول ئويناپ، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى توساق نۇقتىنى يەنىمۇ ئېچىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ نورمال ئىزغا تېزرەك قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنى تىرىشىپ مۇقىم ئاشۇرۇش، مالىيە مەنبەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: 160 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتى ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېلاستىكلىقى، بازار سۇبيېكتىنى ساقلاپ قالغاندىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرەك بولغىلى بولىدۇ. شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك، ئۇلار ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرىدا ياشايدۇ. دۆلەتنىڭ كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. بەش ئۆلكە مەملىكەت بويىچە % 70 ئۆلكە ھالقىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. دېھقانلارنىڭ ئىشلەمچىلىك قىلىشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ قالدى. تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يەرلىك ۋە سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاشتا ھەم ماكرولۇق سىياسەتنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەم ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش كېرەك. كۆپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، خىزمەتنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئاددىيلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام ئۆستۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، شۇڭا داۋاملىق بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىدۇ. دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %60 ىنى ئىگىلىدى، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە كۈچلۈك بولۇشى خەلقئارا بازاردا تىرىشىپ ئىشلىشى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. داۋاملىق ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، پورت قاتارلىق تاشقى تۈگۈنلەرنى توپلاش، تارقاقلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىش كېرەك، بۇ خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ يېغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ