مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشىدىكى ئوتتۇرا لىنىيەسىگە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ خەنجياڭ دەرياسىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2022.07.11 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەسىگە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ خەنجياڭ دەرياسىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش سەپەرۋەرلىك يىغىنى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سىنلىق شەكىلدە بېيجىڭ ۋە خۇبېيدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش كېيىنكى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى قۇرۇلۇشنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، خۇبېي ئۆلكىسى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، خەن جېڭ قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.

  چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ خەنجياڭ دەرياسىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان تۇنجى تۈر. باش شۇجى شى جىنپىڭ جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلغاندىن بۇيان، ئالاقىدار تەرەپلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ خەنجياڭ دەرياسىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويۇشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دەلىللەشنى قانات يايدۇردى. بۇ قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى بىلەن سەنشيا قۇرۇلۇشى تۇتاشتۇرۇلۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالغا سۇ يەتكۈزۈش يولى يەنىمۇ ئېچىلىپ، ئوتتۇرا لىنىيەنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ شىمالغا باشلىنىدىغان سۇ مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلۈپ، دۆلەت سۇ تورىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە چوڭ تومۇرى تېز بەرپا قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا سۇ تولۇقلىنىدىغان بولۇپ، بۇ، خەنجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، خەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېكولوگىيەسى مۇھىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ۋە خۇبېي ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شۇنداقلا جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىنىڭ كېيىنكى قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، قۇرۇلۇشچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ جەمئىي 260 تىن ئارتۇق كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ