مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ فۇجيەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاياتىي كۈچنى جانلاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2022.07.11 22:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يىن لى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ لۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا فۇجوۋ، چۈەنجوۋدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ ئاساسى ۋە ھالقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى مۇۋاپىق دائىرىدە ساقلاش كېرەك.

  لى كېچياڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. بوسى ئىگىلىك تىكلەش رايونىدا، مەسئۇل خادىم: بۇ يەردە بىر تۈركۈم پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى بارلىققا كېلىپ، نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى، دېدى، لى كېچياڭ بۇنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل خادىملارغا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەبلەغ چىقىرىپ، كارخانا يېتىشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئىجارە ھەققى قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىشنى تاپىلىدى. لى كېچياڭ ئىجادكارلار ۋە بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئەمدىلا ئىشقا چىققان خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بايلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. تىرىشقاندىلا ئۇتقىلى بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تىلەكداشمەن.

  لى كېچياڭ تەيۋەن مەبلىغىدىكى ليۇخې ماشىنىسازلىق شىركىتىگە بېرىپ، ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتكە تايىنىپ تېخىمۇ چوڭ بازارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. شىركەت تۇرۇشلۇق رايونغا تەيۋەن مەبلەغ سالغان بىر نەچچە كارخانا توپلاندى، لى كېچياڭ بىر قىسىم تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، سىلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىڭلارنى، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قانۇن بويىچە قوغدىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى يۈرۈشلۈك سىياسەتلەردە تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. سىلەرنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورتى، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ جىنجياڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىغا كېلىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي سورىدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، شەرقىي جەنۇبتىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىسى، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پورت ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك، ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئېلىمىز سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %70ى ئىمپورتتىن ئايرىلالمايدۇ. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بۇ كۆزنەكنى ئوچۇق ھەم يورۇق قىلىش كېرەك. ئەشيا ئوبوروتى بازار ئىگىلىكىنىڭ تومۇرى. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پورتلارنىڭ يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ماللارنىڭ پورتتا بېسىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قاتناش غول يوللىرىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مىكرو ئايلىنىش توسۇقلىرىنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ راۋان يۈرۈشۈشى ۋە خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئەنتا گۇرۇھىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كارخانىلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك بازاردا رىقابەتلىشىشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى زور ئاممىۋى بازارنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىركىتىڭلار «ئەنتا» دەپ ئاتىلىدۇ، كارخانا قۇرساڭلار، ئىش قىلغاندا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۇختا ئىش قىلىشىڭلار كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايسىلەر. شىركەت مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى، لى كېچياڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىي قىلىپ چوڭ كارخانىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانا، يەككە سودا-سانائەتچىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلاشتى. چوڭ كارخانىلار قەد كۆتۈرۈپ، كىچىك كارخانىلار ھەممە يەرنى قاپلاپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇنداق بولغاندا جۇڭگو ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېلاستىكىلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى باراۋەر قوللاش كېرەك. بازار سۇبيېكتى مەۋجۇت بولسا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسى بولىدۇ.

  لى كېچياڭ فۇجيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ ھەمراھ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ