مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ئىتالىيە مەنبەسى − قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.07.12 09:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا «ئىتالىيە مەنبەسى − قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. بۇ قېتىمقى «قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى»دە رەڭدار، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق ئىتالىيە مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى نامايان قىلىنىدۇ. «جۇڭگو ـ ئىتالىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى»نىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق رايىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئىتالىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق بىللە ياشاش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىدىكى توغرا يول. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ماتارېللا تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: مەدەنىيەت ھەمكارلىقى ئىتالىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىتالىيە جۇڭگودا «قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى» ۋە يۈرۈشلۈك ئىتالىيە ـ جۇڭگو مەدەنىيەت ۋە ساياھەت يىلى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، پەقەت ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا ئاندىن ئادىل، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەنگىلى بولىدۇ. ئىتالىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  «ئىتالىيە مەنبەسى − قەدىمكى رىم مەدەنىيلىكى كۆرگەزمىسى» شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ