مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ناربايېۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى

2022.07.12 09:12 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7-ئاينىڭ 6- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا، سىن شەكلىدە ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى ناربايېۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى ۋە بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. بۇ يىل جۇڭگو-ئۆزبېكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى «يېڭى ئۆزبېكىستان» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو- ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ تەيۋەن، شياڭگاڭ، شىنجاڭ، شىزاڭ، «شەرقىي تۈركىستان»قا زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنيا خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ مەزكۇر رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ يەرشارىۋى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبەت يىغىنىدا يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ھەم ئۇنى قوللىغانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ئۆزبېكىستان تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو-ئۆزبېكىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈر ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا ئىقتىساد-سودا سېلىنمىسىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ۋە نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو–ئۆزبېكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى جەنشۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاقىسى جۇڭگو- ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئۆزبېكىستان ئالىي مەجلىسىكېڭەش پالاتاسى بىلەن ھەر قايسى قاتلاملاردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا، باراۋەر قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  ناربايېۋا مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزبېكىستان-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئۆزبېكىستان جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. ئۆزبېكىستان كېڭەش پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ