مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 4 ـ تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئۇلاپ تارقاتتى

2022.07.13 09:08 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 4 ـ تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئۇلاپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 4 ـ تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىكلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 ـ ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1 ـ تومىدىن 3 ـ تومىغىچە نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىش، خەلقنىڭ كۈرەش قىلىش ئەمەلىيىتىنى قوزغىتىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى تونۇشى، جۇڭگونى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم «ئىدىيە كۆزنىكى» ئېچىپ بېرىپ، جۇڭگو ئوبرازىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 ـ تومى نەشر قىلىنغان ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى يەنە بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىيات ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلدى. بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2020 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىن 2022 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، يوليورۇقى، تەبرىك خېتى قاتارلىقلاردىن 109 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 21 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىرگەن مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى جانلىق خاتىرىلەنگەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەڭ يېڭى تۆھپىسى تولۇق نامايان قىلىنغان، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشتا؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقى، كەلگۈسىدە قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە، جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو ھەقىقىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنى 1 ـ تومى، 2 ـ تومى، 3 ـ تومى بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەسلىي مەنىسىنى بىلىشكە يېتەكلەپ، سادىق ھەم قەتئىي بولۇش، ئىشەنچلىك ھەم چوڭقۇر بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشتىكى خىزمەت تەدبىرى ۋە ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 ـ تومىنى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۇنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي تەربىيەدە مۇھىم دەرسلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ لېكتورلار ئۆمىكى ھەمدە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركەزلىرى، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى ئوبيېكتلاشقان، تۈرگە ئايرىلغان لېكسىيە، تەشۋىقاتلارنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتەك ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ