مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى سۆھبەتكە چاقىرتىلدى

2022.06.22 13:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىگە قاراشلىق كارخانىلاردا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىسى، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالى توغرىسىدا 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.


  سۆھبەتتە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھادىسە كۆپ يۈز بەردى، بۇ يىل 6-ئايدا، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىك خەتىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ۋە مەملىكەت بويىچە «بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېيى» مەزگىلىدە، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، شاڭخەي نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىدە ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى، تەسىرى يامان بولدى، بۇ مەركەز تايانچ كارخانىلىرىنىڭ ئوبرازىغا ماس كەلمەيدۇ.


  سۆھبەتتە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، ھادىسە ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەر كونىراپ كېتىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارى يېتەرلىك بولماسلىق، نەق مەيداندا باشقۇرۇش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق يۈزەكى مەسىلىلەر ۋە بىخەتەرلىك ئېڭى ئاجىز بولۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، بىخەتەرلىك سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئۈزۈلۈپ قېلىش، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈنۈملۈك بولماسلىق، «قوماندانلىق تايىقى» نى باھالاش يۆنىلىشىدە ئېغىش، ئۆزىگە تەلەپ قويۇش ئۆلچىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە تەھلىل قىلىش ، ئار-نومۇسنى بىلگەندىن كېيىن باتۇرلۇق بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق خادىملارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى بەلگىلەش مەسىلىسى، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى، بارلىق خادىملارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، ھادىسە كۆپ يۈز بېرىدىغان پاسسىپ ۋەزىيەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش كېرەك.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ