مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېيلۇڭجياڭدا مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

لى جەنشۇ: مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىش نازارەتچىلىكى قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىقنىڭ كۈچى ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2022.06.14 22:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ خېيلۇڭجياڭدا مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەمدە قاراتۇپراقنى قوغداش قانۇنى چىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، يىلتىز تارتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چىچىخار، جامۇس، خاربىنغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو 1-ئېغىر سانائەت گۇرۇھى، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ شەھەر سۇ بايلىقى ۋە سۇ مۇھىتى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سانائەتتىن چىققان كېرەكسىز سۇ داشقاللىرىنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش، مۇھىت ئاسراش پەن-تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يەنە خېيشازى ئارىلى، زالۇڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، تۇڭجياڭ، سەنجياڭ دەرياسى قوشۇلۇش ئورنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى دائىرىلىك بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، سۇ بايلىقى ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى؛ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە ئالاقىدار تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خېيلۇڭجياڭنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىشى يېڭى دەۋردىكى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ تۈپ مىزانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ساھەسىدىكى قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، قانۇن-نىزاملارنىڭ چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنى ماسلاشتۇرۇشنى قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قانۇننى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان مۇھىت تۈزەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مۇھىت ئاسراش قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قانۇن-تۈزۈمىنىڭ ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك قارا تۇپراقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەتقىقات يۇرتى، بېيداخۇاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھى جيەنسەنجياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قاراتۇپراقنى قوغداشقا ئالاقىدار نىزام چىقىرىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى، ئاشلىق تېرىغۇچىلار، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قاراتۇپراق تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن قىممەتلىك سوۋغىتى. قاراتۇپراقنى ياخشى قوغداش دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. ھۆكۈمەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەتچىلىرى، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاراتۇپراق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكى، فۇنكسىيەسىنىڭ چېكىنىپ كەتمەسلىكى، سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قاراتۇپراقتىن ئىبارەت بۇ «تېرىلغۇ يەر ئىچىدىكى مۈشۈكئېيىق»نى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

  لى جەنشۇ خېيلۇڭجياڭدىكى مەزگىلىدە خاربىن يېڭى رايونىنىڭ شېنجېن-خاربىن كەسىپلەر باغچىسى، جۇڭگو-رۇسىيە خېيلۇڭجياڭ تۆمۈريول كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىغا بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: خېيلۇڭجياڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېيلۇڭجياڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش چوڭ ۋەزىيىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە نامايان قىلىش كېرەك. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئورگان»نىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ